باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىتالىيەنىڭ قارانچى باش مىنىستىرى كىلەر يىللىق چوڭ سايلامغا قاتناشمايدۇ

2012.12.24 16:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

مارىيو مونتى (ماتېرىيال سۈرەت)
  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى: ئىتالىيەنىڭ قانچى ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى مۇنتى 23- دېكابىر يىل ئاخىرلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: مەن ھەر قانداق بىر پارتىيە گۇرۇھغا ۋەكىللىك قىلىپ كىلەر يىللىق چوڭ سايلامغا قاتناشمايمەن، بىراق، چوڭ سايلامدا غەلبە قىلغان پارتىيە گۇرۇھنىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتۈشى توغرىسىدىكى تەكلىپىنى شەرتلىك قوبۇل قىلىمەن.

  ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا، قەرز كىرىزىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئانچە مۇۋاپىق بولمىغانلىقتىن، ئىتالىيەنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى باش مىنىستىرى بىرلىيوسكونى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان، ئىقتىسادشۇناس مونتى ئۇنىڭ ئورنىغا باش مىنىستىر بولغان ئىدى. 21- دېكابىر كەچتە، مونتى پىرېزىدېنت ناپولىتانوغا ئىستېپانامە سۇندى، ناپولىتانو 22-دېكابىر پارلامېنتىنى تارقىتىۋەتكەنلىكىنى جاكارلىدى. كابىنېت يىغىنى ئارقىدىنلا كىلەر يىلى 2-ئاينىڭ 24-، 25-كۈنلىرى چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈش قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى. مۇنتى بۇندىن ئىلگىرى پىرېزىدېنت تەرىپىدىن مەڭگۈلۈك پارلامېنت ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن ئىدى، ئىتالىيە ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن، مەيلى قايسى پارتىيە گۇرۇھ بولسۇن چوڭ سايلامدا غەلبە قىلسا، مونتىنى باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە تەكلىپ قىلسا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە