باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئېرۇسالىمدىكى «يىغلاڭغۇ تام»دا 500 مىليون دوللارنىڭ چېكى پەيدا بولۇپ قالدى

2012.12.21 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

كىشىلەر ئېرۇسالىمدىكى «يىغلاڭغۇ تام»دا تىلاۋەت قىلماقتا.
  خەلق تورىنىڭ 21-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. ئېرۇسالىمدىكى «يىغلاڭغۇ تام»دا 19-دېكابىر بىر مۆجىزە يۈز بەرگەن بولۇپ، بىر ئەر تىلاۋەت قىلىۋاتقاندا، بىر كونۋېرتقا قاچىلانغان 507 پارچە چەكنى بايقاپ قالغان، بۇ چەكلەرنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ( تەخمىنەن 3 مىليارد 120 مىليون يۈەن)غا يېتىدىكەن. ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرى قىزىقچىلىق قىلىپ، «دائىم كىشىلەر ‹يىغلاڭغۇ تام›غا بېرىپ ئىقتىسادىي كاپالەت تەلەپ قىلاتتى، ئۇلارنىڭ تىلاۋىتى ئاخىرى جاۋابقا ئېرىشتى» دېگەن.

  ئىسرائىلىيەدىكى «ئېرۇسالىم پوچتا گېزىتى»نىڭ 19-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، نۇرغۇن يەھۇدىيلار دائىم ئۆز ئارزۇسى يېزىلغان باغاقچىلەرنى «يىغلاڭغۇ تام»غا قىستۇرۇپ قويىدىكەن، ئەمما بۇنداق پۇل چېكى ناھايىتى ئاز ئىكەن. بۇ بايقالغان 507 پارچە چەك دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن بولۇپ، ھەربى پارچە چەكتىكى پۇل 1 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىكەن، ئەمما چەككە ئىمزا قويۇلغان بولسىمۇ، كىمگە قارىتىپ يېزىلغانلىقى يېزىلمىغان.

  نۆۋەتتە ساقچى تەرەپ بۇ چەكلەرنىڭ راست-يالغانلىقىنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئامېرىكا ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۇ جايدىكى يەھۇدىي دىنى قانۇن مۇتەخەسىسىنىڭ بۇ چەكنى يازغان ئادەمنىڭ بارلىق مال-مۈلكىنى تەڭرىگە تاپشۇرماقچى بولغان، دەپ قارىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە