باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە ئالتە دۆلەتنىڭ ئىران بىلەن كېلەر يىلى يانۋارنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن يېڭىدىن سۆھبەتلىشىشىنى ئۈمىد قىلدى

2012.12.21 14:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى رىيابۇكېف تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا دائىمىي ئەزا بەش دۆلەت ۋە گېرمانىيەنىڭ ئىران بىلەن بولغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبىتىنى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ، رۇسىيە سۆھبەتنى كېلەر يىلى يانۋارنىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈش كېرەك دەپ قارايدۇ.

  رىيابۇكېف مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئالتە دۆلەت بىلەن ئىراننىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبىتىنى تېزراق ئۆتكۈزۈشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلدى، ئەپسۇسلىنارلىقى تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سۆھبەت نويابىر ۋە دېكابىردىمۇ ئۆتكۈزۈلمىدى. ئۇ: ئالتە دۆلەت ۋەكىللىرى ئىران بىلەن ئۇچرىشىپ يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەتنىڭ ۋاقتى ۋە ئورنىنى كېڭەشمەكتە دېدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەلقئارا ئاتۇم ئېنېرگىيىسى ئورگىن ناۋادا ئىران بىلەن يادرو تەكشۈرۈشى مەسىلىسىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ قالسا، ئىران بىلەن ئالتە دۆلەتنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبىتىگە ئاساس سېلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە