باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىئوردانىيە بىلەن مىسىر رەھبەرلىرى ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە سۆھبەتلەشتى

2012.12.21 14:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىئوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللا تۈنۈگۈن پايتەخت ئامماندا زىيارەتكە كەلگەن مىسىر باش مىنىستىرى گاندىللىر بىلەن ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان رايون مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى.

  ئىئوردانىيە خان ئوردىسى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: گاندىللىر سۆھبەتتە ئالدى بىلەن ئىئوردانىيە پادىشاھىغا مىسىر پىرېزىدېنتى مۇرسىنىڭ خېتىنى تاپشۇردى، بۇنىڭ مەزمۇنى ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق مېخانىزمىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇش ھەمدە ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان رايون ۋەزىيىتىدە داۋاملىق ماسلىشىش ۋە كېڭىشىش شۇنداقلا ئابدۇللانى مىسىردا زىيارەتتە بولۇشقا رەسمىي تەكلىپ قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  گاندىللىر ئىئوردانىيە بىلەن مىسىرنىڭ ئالىي دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە كومىتېتلىرىنىڭ 23-نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، تۈنۈگۈن ئومانغا كەلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە