باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئاۋستىرالىيە ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە 2014-يىلى خەنزۇ تىلى دەرسى تەسىس قىلىدىكەن

2012.12.21 14:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاۋستىرالىيەنىڭ مەكتەپ، يەسلى مائارىپى ۋە ياشلار ئىشلىرى مىنىستىرى 19-دېكابىر بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، 2014- يىلى خەنزۇ تىلى دەرسلىكىنى ئاۋسترالىيە ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ رەسمىي دەرسلىكىنىڭ بىرىگە كىرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان ئاسىيا ئەسىرى ئاق تاشلىق كىتابىدىكى پىلان نىشانىنىڭ بىر قىسىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ دەرسلىك ھازىردىن باشلاپ 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە پىكىر ئېلىش لايىھەسىنىڭ باسقۇچى بولۇپ، 2014-يىلى رەسمىي يولغا قويۇلىدىكەن. ھازىرقى لايىھەگە ئاساسەن، خەنزۇ تىلى دەرسلىكى ئاۋىستىرالىيەنىڭ 1-يىللىقتىن 10-يىللىققىچە بولغان چەتئەل تىلى دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلىدىكەن، ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ تىل ۋە مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئاساسەن ئۈچ خىل ئۆگىنىش شەكلى ئىچىدىن ئەركىن تاللاپ، جانلىق ئۆگەنسە بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە