باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيە ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2012.12.21 14:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامىرون 19-دېكابىر، ئەنگلىيەنىڭ 2013-يىلى ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق 3800 ئەسكىرىنى چېكىندۈرىدىغانلىقىنى، ھەمدە 2014-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن ئىلگىرى پىلان بويىچە قالغان قىسمىنى چېكىندۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئەنگلىيەنىڭ نۆۋەتتە ئافغانىستاندا 9500 ئەسكىرى بار بولۇپ، ئادەم سانى جەھەتتە ئامېرىكىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ھىلماند ئۆلكىسىدە تۇرىدۇ. مۆلچەرلىنىشچە ئەنگلىيە ئارمىيەسى بۇ يىللىق روژدىستىۋا بايرىمىدىن ئىلگىرى 500 ئەسكىرىنى چېكىندۈرىدىكەن. كامىرون مۇنداق دېدى: 2014-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن ئىلگىرى ئەسكەر چېكىندۈرۈش ۋەزىپىسى ئورۇنلىنىپ بولغاندىن كىيىن، ئەنگلىيە ئاز قىسىمدىكى ئارقا سەپ ۋە مەشق قىلدۇرغۇچى خادىملىرىنى ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن قالدۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە