باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىدا تۆت يىلدا 156 قېتىم چوڭ كۆلەملىك قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسى يۈز بېرىپ، جەمئىي 774 كىشى قازا قىلدى

2012.12.21 14:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ 19-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە: ئامېرىكا قوشما شتاتلىق تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2006-يىلدىن 2010-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئامېرىكىدا جەمئىي چوڭ كۆلەملىك قەستلەش ۋەقەسىدىن 156 سى يۈز بېرىپ، جەمىي 774 كىشى قازا قىلغان، قازا قىلغۇچىلار ئىچىدە ئاز دېگەندە 161 بالا بار ئىكەن.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا قوشما شىتاتلىق تەكشۈرۈش ئىدارسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، تۆت كىشى ۋە تۆت كىشىدىن كۆپرەك كىشى قازا قىلغان ۋەقەلەر چوڭ كۆلەملىك قەستلەش ۋەقەسى دەپ ئاتىلىدىكەن، مۇشۇنداق ھېسابلىغاندا، ئامېرىكىدا ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم چوڭ كۆلەملىك قەستلەش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكىدا يېقىندا يۈز بەرگەن چوڭ كۆلەملىك قەستلەش دېلوسى كوننېكتىكات ئىشتاتىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى بولۇپ، شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 14-دېكابىر قاتىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 28 كىشى قازا قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 20 سى بەش ياشتىن 10 ياشقىچە بولغان بالا، ئالتىسى مەكتەپ خادىمى ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە