باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لىۋان مۇساپىرلار مەسىلىسىدە ئېغىر باش قېتىمچىلىققا يولۇقتى

2012.12.21 09:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇرىيەلىك زور تۈركۈم مۇساپىرلارنىڭ پەلەستىن مۇساپىرلار لاگېرىغا كىرىشىگە ئەگىشىپ، لىۋان سۇرىيە مۇساپىرلىرى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئىنتايىن قىيىن ھالەتتە قالدى. بىر تەرەپتىن، ئىنسانپەرۋەرلىك جەھەتتىن ئويلىشىپ، لىۋان چېگرىسىنى تاقىۋەتمەي، سۇرىيە مۇساپىرلىرىنى سىرتتا قالدۇرمىدى، لىۋان ئۇرۇشى مەزگىلىدە سۇرىيەمۇ لىۋان مۇساپىرلىرىنى قوبۇل قىلغان ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن خەلقئارا جەمئىيەت لىۋاننىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان مەسىلىسىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن ياردەم بەردى.

  لىۋاندا چىقىدىغان ئەلچىلەر گېزىتىدە 19-دېكابىر لىۋان ھۆكۈمەت تەرەپ ئەربابىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېيىلدى: لىۋان ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، مۇساپىرلار مەسىلىسى بىر پارتلاتقۇچ بومبىغا ئايلاندى، ئەگەر خەلقئارا جەمئىيەت مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، لىۋاننىڭ سۇرىيە مۇساپىرلىرىنى قۇتۇلدۇرۇشقا ياردەم بەرمەيدىغان بولسا، بۇ پارتلاتقۇچ بومبا ھەر ۋاقىت پارتلايدۇ.

  لىۋان كىچىك دۆلەت بولۇپ، نوپۇسى 4 مىليونغا يىتىدۇ، بىراق لىۋاندا ئۇزاق ۋاقىت تۇرۇۋاتقان سۇرىيەلىكلەر 1 مىليوندىن ئاشىدۇ. سۇرىيە كرىزىسى پارتلىغاندىن بۇيان لىۋانغا قېچىپ كەلگەن ھەمدە مۇساپىرلىق سالاھىيىتىگە ئۆتۈشنى ئىلتىماس قىلغان سۇرىيەلىكلەر 160 مىڭ كىشىگە يېقىنلاشتى. ئەمما لىۋانغا قېچىپ كەلگەن سۇرىيە مۇساپىرلىرىنىڭ سانى ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدىنمۇ كۆپ، ئۇندىن باشقا يەنە 400 مىڭدىن كۆپرەك پەلەستىن مۇساپىرى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان لىۋاندا تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، يېقىندا سۇرىيەدە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان پەلەستىنلىك كۆپلىگەن مۇساپىر ئۇرۇشتىن قېچىپ لىۋانغا بېرىۋالدى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى كەيلى يېقىندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: لىۋان گەرچە بىر كېچىك دۆلەت بولسىمۇ، بىراق بۇ رايوندا مۇساپىرىلارنى ئەڭ كۆپ قوبۇل قىلغان ۋە ئورۇنلاشتۇرغان دۆلەت بولۇپ، ھازىرغىچە 150 مىڭدىن كۆپرەك سۇرىيەلىكنى قوبۇل قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە سۇرىيە كرىزىسىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان دۆلەت بولۇپ قالدى.

  كۆپلىگەن مۇساپىرلارنىڭ لىۋانغا كىرىشى لىۋانغا ئېغىر ئىقتىسادىي يۈك بولدى ھەمدە بىر قاتار جەمئىيەت ئامانلىقى مەسىلىسىنى ئېلىپ كەلدى. بۇ مۇساپىرلارنىڭ كۆپىنچىسى نامرات كىشىلەر بولۇپ، يېمەكلىك ۋە تۇرالغۇ جايغا، خىزمەت تېپىپ ئائىلىسىدىكىلەرنى بېقىشقا موھتاج . لىۋاننىڭ ئەمگەك بازىرى سۇرىيە كرىزىسى تۈپەيلىدىن تارىيىپ قالغانلىقتىن ئىشسىزلىق نىسبىتى يۇقىرى ئىدى، زور بىر تۈركۈم سۇرىيە مۇساپىرلىرىنىڭ كىرىشى شۇ يەردىكى ئەمگەك بازىرىغا تېخىمۇ قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. باشقا دۆلەتتىن كەلگەن مۇساپىرلارنىڭ لىۋانلىقلار بىلەن خىزمەت تالىشىش ئەھۋالى ھەر ۋاقىت يۈز بېرىپ تۇرماقتا. خىزمەت تاپالمىغانلىقىدىن كوچىلاردا تىلەمچىلىك قىلىدىغانلارمۇ كۆپەيدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، قاتارلىق جىنايى دېلولار داۋاملىق يۈز بېرىپ، لىۋاننىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەنلىكتىن، لىۋانلىقلار ئەمدىشە ئىچىدە قالدى.

  سۇرىيە مۇساپىرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، لىۋان ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرى سۇرىيە مۇساپىرلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرغا قويدى. بۇ پىلانغا جەمئىي 363 مىليون ئامېرىكا دوللىرى خام چوت ئاجرىتىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 179 مىليون ئامېرىكا دوللىرى خام چوتنى لىۋاندىكى ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇل بولۇپ ئىجرا قىلىدىكەن، قالغان 184 مىليون ئامېرىكا دوللىرى خام چوتنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى ئىجرا قىلىدىكەن. لىۋاننىڭ بۇنداق كۆپ پۇلنى چىقىرىشقا مادارى يەتمەيدۇ. شۇڭا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئۈچۈن، لىۋان سۇرىيە مۇساپىرلىرىغا ئىئانە قىلىش تەرەپتە ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم يىغىن ئېچىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ۋە ئىئانە قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ پىلان بويىچە مەبلەغ جەھەتتىن قوللىشى ئۈستىدە ئىزدەندى.

  يېقىندىن بۇيان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن بىر قىسىم خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ئورگانلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى لىۋاندا ئارقا- ئارقىدىن زىيارەتتە بولدى، ئۇلار بىرىنچىدىن، لىۋانغا سۇرىيە مۇساپىرلىرىنى داۋاملىق قوبۇل قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا نەسىھەت قىلدى. ئىككىنچىدىن لىۋانغا ياردەم بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى. بىراق بۇلارنىڭ ئىچىدىكى خىلى كۆپ قىسىم دۆلەتلەر ئېغىزدىلا ۋەدە بېرىپ، ئەمەلىيەتتە ئەمەلىيلەشتۈرمىدى.

  شۇ يەردىكى تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: ئارقىغا سوزۇلۇپ كېلىۋاتقان سۇرىيە توقۇنۇشى بۇ دۆلەتكە ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتىنى ئېلىپ كەلدى ھەمدە قوشنا دۆلەتلەرگە ھەتتا پۈتكۈل رايونغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە: بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرى، باشقا دۆلەتلەرگە قېچىپ كەتكەن سۇرىيە مۇساپىرلىرىنىڭ سانى 710 مىڭ كىشىگە يېتىدىغان بولۇپ، 2013- يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا سۇرىيە مۇساپىرلىرىنىڭ سانى 1 مىليون 100 مىڭ كىشىگە يېتىدىكەن. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سۇرىيە توقۇنۇشى بېسىقمايدىغان بولسا، سۇرىيە مۇساپىرلىرىنىڭ سانى يەنىمۇ كۆپىيىدىكەن، لىۋان قوبۇل قىلىدىغان مۇساپىرلارنىڭ سانىمۇ ئۆزلۈكسىز كۆپىيىدىكەن. بۇ مۇساپىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە