باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا: بېنغازىدىكى كونسۇلخانىنىڭ ئامانلىق ساقلاش تەدبىرىدە يېتەرسىزلىك مەۋجۇت، دېيىلدى

2012.12.20 16:55        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون، 18–دېكابىر تېلېگراممىسى. ئامېرىكىنىڭ لىۋىيەنىڭ بېنغازى شەھىرىدىكى كونسۇلخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىق ۋەقەسىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈش كومىتېتى 18–دېكابىر كەچتە ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ ئىككى تارمىقىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى ئەربابلار باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىمىگەچكە، كونسۇلخانىنىڭ ئامانلىق ساقلاش تەدبىرىدە ئېغىر يېتەرسىزلىك كۆرۈلۈپ، تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ھۇجۇمغا تاقابىل تۇرالمىغان.

  تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە مۇنداق دېيىلدى: ‹‹سىستېما خاراكتېرلىك يېتەرسىزلىك ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئىككى تارمىقىنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكى رەھبەرلىرىنىڭ قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەنلىكى ھەم باشقۇرۇشتىكى يېتەرسىزلىكلەر تۈپەيلىدىن بېنغازىدىكى كونسۇلخانىنىڭ ئامانلىق ساقلاش تەدبىرى ناچارلىشىپ كەتكەن››.

  بۇ تەكشۈرۈش كومىتېتى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى ھىلارى كلىنتوننىڭ پەرمانى بىلەن قۇرۇلغان. مۇشۇ ھەپتە تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تەكشۈرۈش كومىتېتى ھىلارى كلىنتونغا دوكلات سۇنىدۇ. ھىلارى دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 29 تۈرلۈك ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى ھەم گوۋۇيۈەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىلەن ئامېرىكىنىڭ چەت ئەللەردىكى ئورگانلىرىغا دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسىمى ئەسكەرلىرىنى كۆپلەپ ئەۋەتىش توغرىسىدا كېڭىشىۋاتىدۇ، دېدى.

  ئامېرىكىنىڭ بېنغازىدىكى كونسۇلخانىسى 11–سېنتەبىر كەچتە قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، لىۋىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى ستېۋېنسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكىنىڭ تۆت دىپلوماتى قازا قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە