باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

شىۋېيتسارىيە مىسىرنى مۇبارەكنىڭ مال–مۈلكىگە دائىر ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلدى

2012.12.20 16:54         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جەنۋە، 18–دېكابىر تېلېگراممىسى. شىۋېيتسارىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 18–دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسى جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى 17–دېكابىر مىسىر ھۆكۈمىتىنى سابىق زۇڭتۇڭ مۇبارەك ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق–تۇغقانلىرىنىڭ توڭلىتىلغان مال–مۈلكىگە دائىر ئۈچۈر بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلغان.

  شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسى جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى مۇنداق قارىدى: ھازىر مىسىرنىڭ سىياسىي ئۆتكۈنچى دەۋرى تۇراقسىز بولۇۋاتىدۇ، مىسىر ۋەزىيىتىمۇ مۇقىم ئەمەس، شىۋېيتسارىيە ھازىرقى مىسىر ھۆكۈمىتى بەرگەن كاپالەتكە ئاساسلىنىپلا ئۇنى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىسە بولمايدۇ. مىسىر ھۆكۈمىتى شىۋېيتسارىيە بىلەن مىسىرنىڭ ئەدلىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنىڭ ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقى توغرىسىدا كاپالەت بەرگەندىن كېيىنلا، شىۋېيتسارىيە ھازىرقى مىسىر ھۆكۈمىتىنى مۇبارەك ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق–تۇغقانلىرىنىڭ مال– مۈلكىگە دائىر ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  بۇ يىل 7–ئايدا، شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسى تەپتىش مەھكىمىسى مۇبارەك ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق–تۇغقانلىرىنىڭ 700 مىليون دوللارغا يېقىن مال–مۈلكىنى توڭلاتقان. مۇبارەك تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن، مىسىر ھۆكۈمىتى شىۋېيتسارىيەدىن مۇبارەك ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق–تۇغقانلىرىنىڭ شىۋىتسارىيە بانكىسىدىكى مال–مۈلۈكىگە دائىر ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشىنى كۆپ قېتىم تەلەپ قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە