باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

2012-يىللىق دۇنيادىكى بەش چوڭ ئىش(1)

2012.12.20 15:02        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيەدە چىقىدىغان پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتىنىڭ 19- دېكابىردىكى سانىغا 2012-يىلىدىكى بەش چوڭ ئىش ماۋزۇلۇق ماقالە بېسىلدى. ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ئىقتىساد بىلەن سىياسىي كۈچنىڭ شەرققە ئېغىۋاتقانلىقىنى ھەممە كىشى ئېتىراپ قىلىدۇ. باراك ئوباما بۇ نەزەرىيەنى چۆرىدەپ، ئىستراتېگىيە مەركىزىنى ئاسىياغا قارىتىشتىن ئىبارەت بىر يۈرۈش يېڭى دىپلوماتىيە سىياسىتىنى بەرپا قىلدى. بىراق بۇ يىلقى بەش چوڭ ئىشنى تاللىنىۋاتقان پەيتتە، ياۋروپا بىلەن ئوتتۇرا شەرق يەنىلا ئاساسلىق ئورۇندا تۇرغانلىقى كىشىنى ھەقىقەتەن چۆچۈتىدۇ.

  2012-يىلى قىرى ياۋروپا قوللىرىنى سوزۇپ يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ تەقدىرىنى كونترول قىلغاندەك قىلىدۇ. كىشىلەر ياۋرو كىرزىسىنى توسقىلى بولماسمىكىن،دەپ ئەنسىرىمەكتە. ياۋروپا بانكىسىنىڭ باشلىقى مارىئو دىراگى مۇنداق دېدى: ناۋادا ياۋرو كىرزىسى كەلگۈسىدە يەنە بىر قېتىم كونتروللۇقىنى يوقاتسا، ئۇنداقتا ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدەمدىن باش تارتمايمەن. كېيىن زايوم سېتىۋېلىشنىڭ چەكلىمىسىزلىكى توغرىسىدا قەسەم بېرىشىم مۇمكىن. بۇ تارىخى جەرياندىكى بىر قەدەم ئەلۋەتتە. دېمەك ئۇنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى ئارىلىشىش تەدبىرى بۇ يىل ئەڭ مۇھىم بولغان بەش چوڭ ئىشنىڭ تاللىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

  2-، 3-ئىش سۇرىيە ئۇرۇشى بىلەن مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مىسىردا غەلبە قىلىشى ئوتتۇرا شەرقنىڭ دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ ۋاقتى ۋە كۈچىنى داۋاملىق ئۇپرىتىش، ئۇلارنى ئەندىشىگە سېلىشنىڭ سەۋەبىنى نامايان قىلدى. سۇرىيەنىڭ ئىچكى ئۇرۇشىدا 40 مىڭ كىشى قازا قىلدى. لېكىن ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق توقۇنۇشىدا يەنە بىر قېتىم پاتقاققا پېتىپ قىلىشتىن ساقلىنىش قەتئىي نىيىتىگە كەلدى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە