باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كوللېكتىپ بىخەتەرلىك تەشكىلاتى يىغىنىدا ئافغانىستاندىن كېلىدىغان تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش قارار قىلىندى

2012.12.20 14:57        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى 19- دېكابىر موسكۋادا ئېچىلدى. يىغىندا يەنىمۇ تەدبىر قوللىنىپ ئافغانىستاندىن كېلىدىغان تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش قارار قىلىندى.

  يىغىندا ماقۇللانغان باياناتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئافغانىستان ۋەزىيىتىدىن پەيدا بولغان تەھدىت ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ 2014-يىلىدىن بۇرۇن ئافغانىستاندىن قوشۇن چېكىندۈرۈپ بولىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، تەدبىر قوللىنىپ ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ۋە كوللېكتىپ بىخەتەرلىك تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسىتىشىگە تاقابىل تۇرۇش لازىم.

  رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە پىرزىدېنتى پوتتىن شۇ كۈنى يىغىندا مۇنداق دېگەن: كوللېكتىپ بىخەتەرلىك تەشكىلاتى ئافغانىستاندا كونكرېت ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يولۇقىدىغان خېيىم خەتىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە يېنىكلىتىش كېرەك.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە