باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بۇ يىل ئېلىمىز غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشتا يېڭىدىن 22 نۇقتىلىق تۈردە ئىش باشلىدى

2012.12.20 14:56        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ئىستراتىگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش، غەربىي رايوننىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئالاھىدە ئەۋزەل كەسىپ تەرەققىياتىنى داۋاملىق قوللاش، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، 2012-يىلى ئېلىمىز غەربىي رايوننى تەرەققىي قىلدۇرۇش نۇقتىلىق قۇرۇلۇشىدىن 22تۈردە يېڭىدىن ئىش باشلىدى، مەبلەغ ئومۇمىي كۆلىمى 577 مىليارد 800 مىليون يۈەن كېلىدۇ.

  يېڭىدىن ئىش باشلانغان 22تۈرلۈك نۇقتىلىق قۇرۇلۇش- چۇڭچىڭدىن ۋەنجۇۋغىچە بولغان تۆمۈر يول، دۇنخۇاڭدىن گولمۇتقىچە بولغان تۆمۈر يول، نەنجىڭ شىئەن تۆمۈر يولىنىڭ شىئەندىن خېفىيغىچە بولغان بۆلىكىنىڭ كۆپەيتىپ ياسالىدىغان 2-لىنىيەسى، جاڭجياكوۋدىن كۆكخوتقىچە بولغان تۆمۈر يول، يۈننەننىڭ ماليۇۋەندىن شاۋتۇڭغىچە بولغان تاشيول، شەنشىنىڭ خۇاڭلىڭدىن تۇڭچۈەنگىچە بولغان تاشيول، چىڭخەينىڭ چاكادىن گولمۇتقىچە بولغان تاشيولنى ئۆرگەتىپ كېڭەيتىش، شىنجاڭنىڭ ئاقسۇدىن قەشقەرغىچە بولغان تاشيول، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئۇلانخوتتىن زالەنتۈنغىچە بولغان تاشيول، دۆلەت يولى 318-لىنىيەسى سچۇەن شىزاڭ تاشيولىنىڭ شىزاڭ بۆلكىنى ئوڭشاش قۇرۇلۇشى، نەننىڭ ۋۇۋىي ئايرودرومىنىڭ يېڭى ئاۋىيا رايونى ۋە يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، غەربتىكى تارماق لىنىيە ئايرودروم قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  باشقا نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلار- قومۇلدىن جىڭجۇۋغىچە بولغان 800 كىلوۋۇلتلىق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلۇق توك قۇرۇلۇشى، شىلودۇ غەربىي قىرغىقىدىقىدىن جاڭشىغىچە بولغان 800 كىلو ۋۋولتلىق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلۇق توك قۇرۇلۇشى، يېزا تورلىرىنى ئۆزگەرتىش يېڭىلاش، توك يوق رايونلارنىڭ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈچىنجى لىنىيەسى، جۇڭۋىي-گۈيياڭ گاز يەتكۈزۈش تۇرۇبا يولى لىنىيەسى، گەنسۇنىڭ جيۇچۇەن ئون مىليۇن كىلوۋۇلىت دەرىجىلىك شامال ئېلېكتىر بازىسى 2-باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشىنىڭ بىرىنجى تۈركۈمدىكى ئۈچ مىليون كىلوۋولىتلىق شامال ئېلېكتىر تۈرى، جىنشاجاڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىندىكى گۈەنيىنيەن، لۇدىلا، لوڭكەيكوۋ سۇ ئىلىكتىر ئىستانسىلىرى، سچۇەننىڭ دۇجياڭيەن سۇغۇرۇش رايونى پىخى دەرياسىنى سۇ بىلەن تەمىنلەش بىرىنجى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشى، گۇاڭشى فاڭچىڭگاڭ پولات تۆمۈر بازىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئېلىمىز غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ئىستراتىگىيەسىنى يولغا قويغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشتا يېڭىدىن ئىش باشلانغان نۇقتىلىق قۇرۇلۇش 187تۈرگە يېتىپ، ئۈچ تىرليون 680 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە