باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئېلىمىزدە كۆمۈر مەھسۇلاتى پۈتۈن يىلدا 3 مىليارد 700 مىليون توننىدىن ئېشىپ كېتىدۇ

2012.12.20 14:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كۆمۈرچىلىك سانائىتى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شيەنجېڭ تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: بۇ يىل 1-ئايدىن 11-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە كۆمۈر مەھسۇلاتى تەخمىنەن 3 مىليارد 510 مىليون توننىغا يەتتى، پۈتۈن يىلدا 3 مىليارد 700 مىليون توننىدىن ئېشىپ كېتىشىدىن ئۈمىد بار، كۆمۈرچىلىك كەسپىدە يەنىلا قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئېشىپ قېلىش، پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يېتەرسىز بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانماقتا.

  ئۇ مۇنداق دېدى: مۆلچەرلىنىشىچە، 2020-يىلىغا بارغاندا، مەملىكەت بويىچە كۆمۈر ئىستېمال ئومۇمىي مىقدارى تەخمىنەن 4 مىليارد 800 مىليون توننىدىن 5 مىليارد 300 مىليون توننىغىچە بولىدۇ. ئېلىمىزدە قىسقا مۇددەتتە كۆمۈر بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولۇش ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئومۇمىي مىقدار يېتىشمەسلىك زىددىيىتى يەنىلا گەۋدىلىك بولىدۇ. مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، بىخەتەرلىك، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق جەھەتلەردە، پەن تېخنىكا جەھەتتە كۈچلۈك مەدەت بېرىشكە، كەسىپنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىدا بۇرۇلۇش ياساشقا توغرا كېلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە