باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چەتئەل تاراتقۇلىرى رۇسىيە پۇقرالىرىنى چېكىندۈرۈش ئۈچۈن سۈرىيەگە ھەربىي پاراخوت ئەۋەتمەكچى دېدى

2012.12.20 09:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 19-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە: رۇسىيە سۈرىيەدىكى رۇسىيە پۇقرالىرىنى چېكىندۈرۈش ئۈچۈن ئوتتۇرا يەر دېڭىزغا ھەربىي پاراخوت ئەۋەتمەكچى بولغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىككى قوراللىق قۇرۇقلۇققا چىققۇچى پاراخوت، بىر توشىغۇچى پاراخوت ۋە قوغدىغۇچى پاراخوت بالتىق دېڭىزىدىكى بىر پورتتىن ئوتتۇرا يەر دېڭىزىغا قاراپ يولغا چىققان. رۇسىيە سۈرىيەدىكى پورتىدا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىر رىمونت بازىسى بار بولۇپ، بۇ پورت دەمەشىق شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا تەخمىنەن 250 كىلومېتىر كېلىدۇ.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، سۈرىيەدە توقۇنۇش پارتلىغاندىن بۇيان، ئاز دېگەندە 40 مىڭ كىشى قازا قىلغان، سۈرىيەنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا تىزىمغا ئالدۇرغان مۇساپىرلارنىڭ سانى 440 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە