باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنىڭ يەھۇدىيلار مەھەللىلىرىنى كېڭەيتىپ قۇرۇشى ئىغۋاگەرچىلىك دەپ ھېسابلىدى

2012.12.20 09:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى 18-دېكابىر ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يەھۇدىيلار مەھەللىلىرىنى قۇرۇش مەسىلىسىدىكى كۈچلۈك پوزىتسىيەسىنى تەنقىد قىلىپ، ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنىڭ يەھۇدىيلار مەھەللىلىرىنى كېڭەيتىپ قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشتەك ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەندى دېدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە ئىشغال قىلىۋالغان پەلەستىن زېمىنىدا يەھۇدىيلار مەھەللىلىرىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش پىلانىنى ئۈزۈلدۈرمەي جاكارلىدى، بۇ تىنچلىق ئۈستىدە ئىزدىنىش نىشانىغا خىلاپ. ئۇ ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ ئەكس تەسىر بېرىدىغان بىر تەرەپلىمىلىك ھەرىكەتلەرنى توختىتىپ، كونكىرىت تەدبىر قوللىنىپ بىۋاستە تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە