باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە سىياسىيونلىرىنىڭ تۆۋەن چېكى بولۇشى كېرەك(1)

2012.12.20 09:35        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيەنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى تۈزۈلمىدىن قۇتۇلۇپ، تىنچ تەرەققىي قىلىش خاھىشىنى ئىنكار قىلىشى ئاسىيا ئەللىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك ھۇشىيارلىقىنى قوزغىدى.

  جۇڭگو خەلقى ياپونىيەدىكى ناھايىتى ئاز بىر قىسىم كىشىلەردىن ئەندىشە قىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى سىياسىي تەسىرى بار كىشىلەر بولۇپ، ئۇلاردا مىلىتارىزمنى تىرىلدۈرۈش خاھىشى بار.

  بۇ جۇڭگو رەھبىرى دېڭ شياۋپىڭ 1987-يىلى قىسمەن ياپونىيەلىك دوستلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە قىلغان سۆز. كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى، ئارىدىن 20 نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، بۇنىڭ رېئال قاراتمىلىقى ئاجىزلىمىدى. ئاۋام پالاتاسى سايلىمىنىڭ ئالدى كەينىدە، ياپونىيەدىكى بەزى سىياسىيونلار دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار تىنىچلىق ئاساسىي قانۇنىنى قايرىپ قويۇپ، بەزى ئىشلارنى ھەقىقىتەن چەكتىن ئاشۇرۇۋەتتى.

  مېيجى يىلىدىكى يېڭىلىققا كۆچۈشتىن كېيىن، ياپونىيە 1890-يىلى «بۈيۈك ياپونىيە ئىمپېرىيەسى ئاساسىي قانۇنى»نى يولغا قويدى، بۇنىڭغا ماس ھالدا ھەربىي ھازىرلىقلارنى تېزدىن كېڭەيتىپ، تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغاشتەك مىلىتارىزم يولىغا ماڭدى. «بۈيۈك ياپونىيە ئىمپېرىيەسى ئاساسىي قانۇنى»نى يولغا قويۇش مەزگىلىدە، ياپونىيە جەمى 11-قېتىم تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىدى، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ جياۋۇ ئۇرۇشى، ياپونىيە رۇسىيە ئۇرۇشى، 18-سېنتەبىر ۋەقەسى، ئۇمۇمىيۈزلۈك جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى، تىنچ ئوكيان ئۇرۇشى قاتارلىقلار بار، بۇ ئۇرۇشلار ئاسىيا ۋە دۇنيا خەلقىگە ئىنتايىن زور ئاپەت ئېلىپ كەلدى.

  1947-يىلى بېكىتىلگەن ئاساسىي قانۇن ياپونىيەنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش، كېڭەيمىچىلىق قىلىش، دۆلەت ئىچىگە نىسبەتەن ھەربىي ھۆكۈمراملىق قىلىش سىياسىي تۈزۈلمىسىنى ئۈزۈل-كېسىل بۇزۇپ تاشلىدى. تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغاشتىن مىلىتارىزمنى، ئۇرۇش قوزغاش تۇبرىقىنى ئۈزۈل-كېسىل تۈگەتتى. ياپونىيە ئوڭچىلىرى تىنچلىق ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىغا تىگىپ بېقىش كەيپىياتىدا بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ پروگراممىسىدا «ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇپ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئۈستىدە ئىزدىنىش» ئېنىق ئوتتۇرغا قويۇلدى.

  ياپونىيە ئوڭچىلىرى يەنە سودا دۆلىتى، پۇل مۇئامىلە دۆلىتى، پەن تېخنىكا دۆلىتى ۋە پۇل دۆلىتى ئىستراتېگىيەسى ئاستىدا سىياسىي دۆلەت قۇرۇشنى، يەنى سىياسىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا جىددىي مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويدى. بۇنىڭ بىلەن ھەربىي ۋاسىتە بېكىتىلدى، بۇ شەك-شۆبھىسىزكى ياپونىيەنىڭ سىياسىي دۆلەت قۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا مەدەت بولىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە