باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئېينىشتېيىننىڭ ئۇنتۇلغان ئايالى(1)

2012.12.20 09:33        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1921-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى ئېينىشتېيىن نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ تەشەككۈر نۇتقىدا ئاجراشقىنىغا ئەمدىلا ئىككى يىل بولغان ئۈچ بالىسىنىڭ ئاپىسى-تۇنجى ئايالى مىلەۋا ئېينىشتېيىن ماركنى تىلغا ئېلىپمۇ قويمىغان. مىلەۋا ئېينىشتېيىننى راھەتكە ئېرىشتۈرگەن، تامىقىنى ئېتىپ، كىيىملىرىنى يۇيۇپ بەرگەن، ئائىلىسىنىڭ كىرىم-چىقىم ئىشلىرىنى بىرتەرەپ قىلغان، تۈن بويى ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ نەزەرىيىسىدىكى ماتېماتىكىلىق مەسىلىلەرنى تەكشۈرگەن. ئەمما ئېينىشتېيىن ئۇنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتكەن. ئېينىشتېيىننىڭ تۇنجى ئايالى مىلەۋا مارك سېرب مىللىتىدىن بولۇپ ئېينىشتېيندىن تۆت ياش چوڭ ئىدى. مىلەۋا 1894-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندە، ئاۋسترىيە-ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيىسى قىزلارنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشىغا يول قويمايۋاتاتتى. شۇڭا ئۇ ئالدى بىلەن سيۇرىختا تەييارلىق مەكتەپتە ئوقۇغاندىن كېيىن، سيۇرىخ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دورىگەرلىك كەسپىدە قىسقا مۇددەت ئوقۇغان. بىراق، ئۇ ناھايىتى تېزلا ئۆزى ھەقىقىي ياقتۇرۇدىغان ماتېماتىكا ۋە فىزىكا كەسپىگە يۆتكەلگەن. ئۇ تۇنجى قېتىملىق سىناققا قاتنىشىپ ھېچقانچە زورۇقمايلا ئىمتىھاندىن ئۆتكەن ۋە ئۇنىۋېرسال پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالغان، ئېينىشتېيىن ئىككى قېتىم ئىمتىھان بېرىپ ئاندىن ئۆتكەن.

  مىلەۋا پرۇشتىكى بارلىق مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان 20 قىز ئوقۇغۇچى ئارىسىدا بىردىنبىر تەبىئى پەن ۋە ماتېماتىكا كەسپى ئوقۇغۇچىسى ئىدى، شۇنداقلا ئۇ ئۇنىۋېرسال پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا ماتىماتىكىسى فاكۇلتېتىدىكى بىردىنبىر قىز ئوقۇغۇچى ئىدى. مىلەۋا ئېينىشتېيىن بىلەن بىر يىلدىن كۆپرەك مۇھەببەتلەشكەن، ئېينىشتېيىن ئۇنى بەك قوغلاشقان بولسىمۇ، مىلەۋا ئېنىق جاۋاب بەرمەي يۈرۈۋەرگەن. 1898-يىلى ئەتىيازغا كەلگەندە ئۇلار مۇھەببەت دېڭىزىغا شۇڭغۇغان. مۇشۇ مەزگىلدە مىلېۋا خىزمەت تېپىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان. ئۇنىڭ ئېينىشتېيىنغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى ئۆمۈرلۈك، قايتۇرۇپ بولماس دەرىجىدە تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان. 1901-يىلى، ئۇلار تېخى توي قىلمىغان بولسىمۇ، مىلېۋا ھامىلىدار بولغان. مىلېۋا توي قىلماي تۇرۇپ قورساق كۆتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ئېينىشتېيىننىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرغان، مىلېۋانىڭ ئاتا-ئانىسى كەمسىتىلگەنلىكىدىن غەزەپلەنگەن، يۇقىرىقى سەۋەبلەر بىلەن مىلېۋا بىر نومۇر كەم ئالغانلىقى ئۈچۈن مەكتەپ پۈتتۈرەلمىگەن. مىلېۋا ئەينى چاغدىكى كۆپلىگەن ئاياللارغا ئوخشاش كەسپكە قارىتىپ كەلگەن ئىخلاسىنى ئېينىشتېيىنگە يۆتكىگەن. ئېينىشتېيىننىڭ مەشھۇر نەزەرىيىسىنى ئىسپاتلىشىغا ھەمكارلاشقان. ئۇلار كۆڭۈلدىكىدەك بىر جۈپلەردىن ئىدى. ئېينىشتېيىننىڭ تەسەۋۋۇرى ئۆزىنىڭ تەپەككۇر ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلىپ، ئىلھامى ئاتا قىلغان ئۇقۇملار ئۈستىدە ئىزدىنەتتى، مىلېۋا بولسا تۇغما تالانتى ۋە ئەڭ رېئال چۈشىنىش ئىقتىدارى بىلەن ئېينىشتېيىننىڭ قاراشلىرى ئۈستىدە تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ تەھلىل يۈرگۈزەتتى. ئېينىشتېيىن ئۆزلىرىنىڭ ھەمىشە بىرگە خىزمەت قىلالىغانلىقىدىن پەخىرلىنەتتى، ئۇ ئۆزلىرىنىڭ ھەمكارلىقى توغرىلىق يېزىلغان نۇرغۇن خەتلىرىنىڭ بىرىدە مۇنداق دەپ يازغان:«ئىلىم نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، مېنىڭ ئاجايىپ بىر ئويۇم بار، ئۇ بولسىمۇ مولېكۇلىنىڭ گاز جىسىمغا كۈچ تەسىرى كۆرسىتىش نەزەرىيىمىزدىن ئىبارەت. مەن تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ھەمىشە ساقلىيالمايمەن دېسەممۇ بولىدۇ. ئەگەر بۇ مەلۇم نەرسىلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ، دېيىلسە، ئۇنداقتا بىزنىڭ مولېكۇلىنىڭ كۈچىگە بولغان چۈشەنچىمىز بىلەن تارتىش كۈچىگە بولغان چۈشەنچىمىز مىقتار جەھەتتىن ئوخشاش». ئۇ خېتىنىڭ داۋامىدا يەنە مۇنداق دېگەن: «ئىككىمىز نىسبىي ھەرىكەت ھەققىدىكى تەتقىقاتنى ئۇتۇقلۇق تاماملىغاندا، مەن تولىمۇ شادلاندىم ۋە ئىپتىخارلاندىم». ئېينىشتېيىن 1901-يىلى يازغان خېتىدە تىلغا ئالغان تەتقىقاتى 1905-يىلىغا كەلگەندە ئېينىشتېيىننىڭ مەشھۇر نىسبىيلىك نەزەرىيىسىگە ئايلانغان.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە