باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ۋە خەلق پارلامېنتىنىڭ رەئىسى بەي لىچىن بىلەن كۆرۈشتى

2012.12.18 13:23        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئالىيىف بىلەن خەلق پارلامېنتىنىڭ رەئىسى ئاسادوف تۈنۈگۈن باكۇدا جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بەي لىچىن بىلەن ئايرىم ئايرىم كۆرۈشتى.

  بەي لىچىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئەزەربەيجان بىلەن ئۇزاق مۇددەت مۇقىم بولغان دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا چۈشۈنىشى ۋە ئىشىنىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى ئەزەربەيجان خەلق پارلامېنتى بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى تەشكىلاتىنىڭ ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى سەۋىيىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىجابىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە