- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۇڭگۈەندىن كەلگەن 120 پارچە خەت
2014.11.11 15:16 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:
«ساۋاقداش مېھراي يۈسۈپ، ياخشىمۇسىز! سىز بىلەن دوستلاشقىنىمدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. مەن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى دۇڭگۈەن شەھىرى خېڭلى بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇيمەن، ئىسمىم ليۇ ۋېنجيا، مەن ئىلگىرىلەش مۇكاپاتى، ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى مۇكاپاتى، ماقالە يېزىش بويىچە 3- دەرىجىلىك مۇكاپات قاتارلىقلارغا ئېرىشكەن، سىزچۇ؟ سىز قانداق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن؟»
«ساۋاقداش قەدىرىيە ساۋۇت، ياخشىمۇسىز! مېنىڭ ئىسمىم ياڭ جيامېي، مەن ناخشا ئوقۇش، ئۇسسۇل ئويناش، رەسىم سىزىشقا قىزىقىمەن، مېنىڭ ئارزۇيۇم بىر مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى ياكى بىر لايىھەلىگۈچى بولۇش...»
يېقىندا، نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى دوڭگۇەن شەھىرىدىن ئەۋەتىلگەن 120 پارچە خەت تاغ-دەريالاردىن ئۆتۈپ، شەرق شامىلى دېھقانچىلىق مەيدانى مەكتىپىگە يېتىپ كەلدى. ھەر مىللەت بالىلىرى چۈچۈك تىللار بىلەن يېزىلغان، چوڭقۇر دوستلۇق مېھرىگە تولغان بۇ خەتلەرنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولۇشتى.
بىڭتۇەن 3- شى شەرق شامىلى دېھقانچىلىق مەيدانى بۇ يىل گۇاڭجۇ ئۆلكىسى دۇڭگۈەن شەھىرىنىڭ خېڭلى بازىرى بىلەن نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئالاقە ئورناتقاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئالاقىدار تارماقلار بۇ مەيدانىدا ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈش بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئۇيۇشتۇردى ھەمدە ئۆزئارا كادىر ئەۋەتىپ ۋەزىپە بىلەن چېنىقتۇرۇپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش بويىچە تۈر مەبلىغى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئارا دوستلىشىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان ئىدى.
يېقىندا بىڭتۇەن 3- شى شەرق شامىلى دېھقانچىلىق مەيدانى مەكتىپىدىكى ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەت - ئۇچۇرلىرى دوڭگۇەنگە يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، دۇڭگۈەن شەھىرى خېڭلى بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت دوستلىرىغا بەس - بەستە خەت يازدى. بۇ 120 پارچە خەت خېڭلى بازىرى بىلەن بىڭتۇەن 3- شى شەرق شامىلى دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ، شۇنداقلا ئىككى جايدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىنىڭ شاھىدى ھېسابلىنىدۇ.
قەشقەر شەھىرى قىزىلدۆۋە يولى 440-قورۇ «زەرەپشان گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدىن ئەھمەد مۇھەممەد
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر