يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق شەكىلۋازلىقنى تۈزەش، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمى ئىشخانىسى شەكىلۋازلىق قىلىپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشتەك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنىڭ يىپ ئۇچىنى توپلاش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلدى.
شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ مەسىلە يىپ ئۇچىنى ئىنكاس قىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاتلىمىدىن شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمى «ئالاقە تورى + نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش» سۇپىسى، 12345 ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ئارقىلىق خەلققە قولايلىق يارىتىش قىزىق لىنىيەسى، ئانار بۇلۇت 12345 تەدبىر سوراش سۇپىسىدا ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ھەم پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلاردا ساقلىنىۋاتقان شەكىلۋازلىق قىلىپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىشتەك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنىڭ يىپ ئۇچىنى ئاشكارا توپلىدى.
توپلىنىدىغان مەسىلە يىپ ئۇچى ئاساسلىقى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سىياسەتنى ئاددىي ئىجرا قىلىپ، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»، ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتكە ۋە ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپلىق قىلىپ «بىكاردىن قىيناش» مەسىلىسى؛ خەلققە جاپا سېلىپ، مالىيەنى ئىسراپ قىلىدىغان «سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى»، «ئوبراز قۇرۇلۇشى»، «ئابرۇي قۇرۇلۇشى» مەسىلىسى؛ ھۆججەت دۆۋىسى، يىغىن قاينىمى مەسىلىسى؛ نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش زىيادە كۆپ، تەكرار بولۇش، ئىز قالدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىي نەتىجىگە ئەھمىيەت بەرمەسلىك مەسىلىسى؛ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەركەزلىك توپلىشىپ كېلىش، تەكشۈرۈپلا قويۇپ تەتقىق قىلماسلىق، رەسمىيەتچىلىك قىلىش مەسىلىسى؛ ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئەپ دېتالىنى ئىشلىتىشنى مەجبۇرىي كېڭەيتىش، توردا خىزمەت توپلىرىنى خالىغانچە قۇرۇش، چۈشۈرۈش، تارقىتىش، ئەگىشىش، يۈرەك بېرىش، يوقلىمىدىن ئۆتۈپ ئىمزا قويۇش، جەملىمە نومۇرنى رەتكە تىزىش، رەسىم كېسىپ ئىز قالدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر؛ خالىغانچە ناملارنى تەسىس قىلىپ، بەرپا قىلىش، ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش، 100 كۈنلۈك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، بارلىق خادىملار نۆۋەتچىلىك قىلىشنى يولغا قويۇش قاتارلىق مەسىلىلەر؛ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، كارخانا، داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا ئىجتىمائىي ئىشلارنى خالىغانچە چېچىش مەسىلىسى؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئورۇنلاردىن كادىر ئارىيەت ئېلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىش مەسىلىسى؛ «بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش» ۋە مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاش ئىشلىرى زىيادە كۆپ بولۇپ كېتىش مەسىلىسى؛ تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئاساسىي قاتلامغا خالىغانچە ۋەزىپە چېچىش، مەسئۇلىيەتتىن قېچىش مەسىلىسى؛ شەكىلۋازلىق قىلىپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئاشۇرىدىغان باشقا جەھەتتىكى مەسىلىلەر.
جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ مەسىلە يىپ ئۇچىنى ئەينەن ئىنكاس قىلىشىنى قارشى ئالىمىز، بىز ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى قاتتىق مەخپىي ساقلايمىز ھەم بەلگىلىمە، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بېجىرىپ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ قايتما ئىنكاس قىلىپ، شەكىلۋازلىقنى تۈزەش ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ماھىيەتلىك نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە قەتئىي تۈرتكە بولىمىز.
مەسىلە يىپ ئۇچىنى ئىنكاس قىلىش يوللىرى:
1. «ئالاقە تورى + تەكشۈرۈش» سۇپىسى
2. 12345 مەمۇرىي مۇلازىمەتتە خەلققە قولايلىق يارىتىش قىزىق لىنىيەسى
3. ئانار بۇلۇت 12345 تەدبىر سوراش سۇپىسى
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى