خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «شىنجاڭ گېزىتى» ۋە شىنجاڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسىنىڭ 12-ئاينىڭ 31-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا يولداش ۋاڭ جيەنشىننى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەزالىقىغا، دائىمىي كومىتېت ئەزالىقىغا تەيىنلەشنى قارار قىلغان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋاڭ جيەنشىننى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەشنى قارار قىلغان.
ئاشكارا خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ۋاڭ جيەنشىن 1972-يىلى تۇغۇلغان، «خەلق گېزىتى» ئىدارىسىدە كۆپ يىل خىزمەت قىلغان، ئىلگىرى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، شىنجاڭدا يېڭى ۋەزىپە ئۆتەشتىن بۇرۇن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.
ئۇ يەنە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۈنلىن ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىقىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن ئىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ