مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدا نۇرغۇن جايلاردىكى ھۆكۈمەت تارماقلىرى يۈنشەنفۇ APP سى ئارقىلىق ئىستېمال بېلىتى تارقاتتى

تارقىتىش ئومۇمىي سوممىسى 37 مىليون يۈەندىن ئېشىشى مۇمكىن

2023.01.01 00:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ جۇڭگو بانكا بىرلەشمىسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، كەڭ سودىگەرلەر ۋە پۇقرالارنىڭ يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، بازارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە پائال كۈچ قوشۇش ئۈچۈن، 12-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن بۇيان جۇڭگو بانكا بىرلەشمىسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى 11 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە بىڭتۈەن تۈەن-مەيدانلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئىستېمال بېلىتىنى تارقىتىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئومۇمىي سوممىسى 37 مىليون يۈەندىن ئاشقان. 12-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە، بۇ پائالىيەت 30 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئىستېمالغا تۈرتكە بولغان.

  يېقىندا، شىنجاڭدىكى نۇرغۇن جايلاردا ھۆكۈمەت ئىستېمال چېكى تارقىتىش پائالىيىتى باشلاندى، نەچچە ئون مىليون يۈەنلىك ئىستېمال چېكى يۈنشەنفۇ APP سى ئارقىلىق ئاھالىلەرگە تارقىتىلىپ، ئىستېمال قىزغىنلىقى قوزغىتىلدى. نۆۋەتتە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غۇلجا شەھىرى، غۇلجا ناھىيەسى، كۈنەس ناھىيەسى، تېكەس ناھىيەسى قاتارلىق ناھىيە-شەھەرلەر ھەم بىڭتۈەننىڭ ئېقىندالا شەھىرى، 131-تۈەنى قاتارلىق جايلاردا 10 نەچچە ھۆكۈمەت ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى تورغا چىقىرىلدى.

  بۇ نۆۋەتلىك ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىدە بىردەك «يۈنشەنفۇ» ئېلېكتىرونلۇق ئىستېمال بېلىتى ئېلىش، تەكشۈرۈپ ھېسابتىن ئۆچۈرۈش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ. ئىستېمال بېلىتى پارچە سېتىش، يېمەك-ئىچمەك، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئاپتوموبىل قاتارلىق كۆپ خىل ئىستېمال شەكلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۈنەس ناھىيەسىدىكى ئىستېمالچىلار ئەڭ كۆپ بولغاندا 5000 يۈەنگە توشسا 500 يۈەنلىك ئاپتوموبىل ئىستېمال بېلىتى ئالالايدۇ؛ ئېقىندالا شەھىرى، تېكەس ناھىيەسى، كۈنەس ناھىيەسى، توققۇزتارا ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردىكى ئىستېمالچىلار ئەڭ يۇقىرى بولغاندا سوممىسى 300 يۈەنلىك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئىستېمال بېلىتى ئالسا بولىدۇ؛ بۇنىڭدىن باشقا، كۆپ جايلاردا يەنە 20 يۈەنلىك، 40 يۈەنلىك، 50 يۈەنلىك، 80 يۈەنلىك سودا ساراي، تاللا بازارلىرىنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئىستېمال بېلىتى تارقىتىلدى.

  نۆۋەتتە تارقىتىش سالمىقى ئەڭ چوڭ بولغىنى «موتورنى قايتا قوزغىتىش، ئاقسۇدا سېتىۋېلىش» ھۆكۈمەت ئىستېمال بېلىتىنى سېتىۋېلىش پائالىيىتى بولدى. بۇ پائالىيەت 12-ئاينىڭ 27-كۈنى باشلاندى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سودا ئىدارىسى 20 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، بانكا بىرلەشمىسى يۈنشەنفۇ APP سى ئارقىلىق ئىستېمال بېلىتى تارقىتىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، بازارنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇردى.

  ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ بۇ قېتىمقى ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى بىر ئاي داۋاملىشىدۇ، شەھەر ئاھالىلىرىگە ئىككى قارارغا بۆلۈپ ھۆكۈمەت ئىستېمال بېلىتى تارقىتىلىدۇ، ئىستېمال بېلىتى 80 يۈەن، 60 يۈەن، 40 يۈەن، 20 يۈەن، 10 يۈەندىن ئىبارەت بەش خىلغا بۆلۈنىدۇ. 1-قارارلىق «ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش» ئىستېمال بېلىتى تارقىتىش ۋاقتى 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولىدۇ، شەھەر ئاھالىلىرى ئوخشاش بولمىغان سوممىلىق ئىستېمال بېلىتىدىن ئىككىنى ئالسا بولىدۇ؛ 2-قارارلىق «چاغانلىق مال سېتىۋېلىش بايرىمى» ئىستېمال بېلىتى تارقىتىش ۋاقتى 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 1-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە بولىدۇ، ھەر بىر ئادەم بەش خىل سوممىلىق ئىستېمال بېلىتىدىن ئۈچ پارچىدىن ئالسا بولىدۇ. پائالىيەت مەزگىلىدە، ھەر بىر ئادەم ئەڭ كۆپ بولغاندا 1050 يۈەنلىك ھۆكۈمەت ئىستېمال بېلىتى ئالالايدۇ.

  جۇڭگو بانكا بىرلەشمىسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىستېمالچىلارنىڭ پائالىيەتكە قاتنىشىشى ئىنتايىن ئاددىي، قولايلىق، پەقەت يۈنشەنفۇ APP سىنى ئېچىپ، «本地专区» بۆلىكىدە مۇناسىپ رايون پائالىيىتىنى تاللىسىلا، ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى، ئوخشاش بولمىغان سوممىدىكى ئىستېمال بېلىتىنى ئېلىپ، كۆپ خىل ئەمەلىي نەپتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. چوڭ سودا ساراي، كوچا بويىدىكى يېمەك-ئىچمەك، ئۆي جاھازلىرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىق ئون مىڭغا يېقىن چوڭ-كىچىك سودا قىلىدىغان سودىگەرلەر پائالىيەتكە قاتناشتى. پۇلنى ئالغاندىن كېيىن، پائالىيەتكە قاتناشقان دۇكاندىكى ئىستېمال سوممىسى سومما چېكىگە يېتىپ كېمەيتىلگەندىن كېيىن، يۈنشەنفۇ APP سىنىڭ پۇل تۆلەش كودىنى كۆرسىتىش ياكى سىكاننېرلار ئارقىلىق ئېتىباردىن بەھرىمەن بولۇشقا بولىدۇ.

  دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئىستېمالچىلار ئىستىمال بېلىتىنى ئالغاندىن كېيىن، ئىستېمال بېلىتى كۈچكە ئىگە مۇددەت ئىچىدە ئىشلىتىشى كېرەك، ئىستېمال بېلىتىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىپ ئىناۋەتسىز قىلىنغاندىن كېيىن قايتا ئېلىشقا بولمايدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، باشقا رايونلارنىڭ ئىستېمال بېلىتى پائالىيىتىمۇ پات ئارىدا قانات يايدۇرۇلىدىكەن، كەڭ ئىستېمالچىلار يۈنشەنفۇ APP «本地专区» بۆلىكى ئارقىلىق پائالىيەتنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى تەكشۈرسە بولىدىكەن، يەنە «银联新疆» ئۈندىدار سالونىغا ئەگىشىپ، پائالىيەتكە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئىگىلىسە بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ