خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 00 دىن باشلاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مۇلازىمەت قىزىق لىنىيە تېلېفونى (2391334،5190871،5190878-0991) بىر پۈتۈن يۈرۈشى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق 12345 ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى خەلققە قولايلىق قىزىق لىنىيەسىگە قوشۇۋېتىلىدۇ.
ئەگەر يۇقۇمغا چېتىشلىق مەسلىھەت سوراش، ياردەم سوراش، ئەرز قىلىش، پاش قىلىش ۋە پىكىر-تەكلىپلەر بولسا، 12345 قىزىق لىنىيەسىگە تېلېفون قىلىشقا بولىدۇ، شۇنداقلا شىنجاڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت تور بېكىتى، شىنجاڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت ئەپ دېتالى ۋە ئۈندىدار ئەپچىسى، چىقىمدان ئەپچىسى، شۇنداقلا «ئانار بۇلۇت 12345 ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش» سۇپىسى ۋە شىنگۇاڭ كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلىشقا بولىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ