2023-يىللىق بايراملىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە قىش-يازلىق مەشغۇلات ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش
ھەرقايسى ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە (شەھەر، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى، مەمۇرىي مەھكىمىلەر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تارماقلىرى، بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلار:
«گوۋۇيۈەننىڭ <مەملىكەتلىك بايرام ۋە خاتىرە كۈنلىرىدە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش چارىسى>گە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» (گوۋۇيۈەننىڭ 644-نومۇرلۇق پەرمانى)، «گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2023-يىللىق قىسمەن بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى [2022] 16-نومۇرلۇق) ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ <شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بايراملىرىدا دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش چارىسى>گە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» (ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 174-نومۇرلۇق بۇيرۇقى)غا ئاساسەن، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2023-يىللىق بايراملىق دەم ئېلىش كۈنلىرىنىڭ ۋاقتى ۋە قىشلىق، يازلىق مەشغۇلات ۋاقتى توغرىسىدىكى كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇشنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرىمىز.
1. بايراملىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئورۇنلاشتۇرمىسى
(1) يېڭى يىل: 2022-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 2023-يىل 1-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.
(2) چاغان: 1-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە جەمئىي يەتتە كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 1-ئاينىڭ 28-كۈنى (شەنبە)، 1-ئاينىڭ 29-كۈنى (يەكشەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ.
(3) چىڭمىڭ بايرىمى: 4-ئاينىڭ 5-كۈنى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، جەمئىي بىر كۈن.
(4) روزى ھېيت: 4-ئاينىڭ 22-كۈنى روزى ھېيت، 4-ئاينىڭ 21-كۈنى بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.
(5) ئەمگەكچىلەر بايرىمى: 4-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە جەمئىي بەش كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 4-ئاينىڭ 23-كۈنى (يەكشەنبە)، 5-ئاينىڭ 6-كۈنى (شەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ.
(6) دۈەنۋۇ بايرىمى: 6-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 6-ئاينىڭ 25-كۈنى (يەكشەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ.
(7) قۇربان ھېيت: 6-ئاينىڭ 29-كۈنى قۇربان ھېيت، 6-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، جەمئىي ئۈچ كۈن.
(8) جۇڭچيۇ بايرىمى، دۆلەت بايرىمى: 9-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە جەمئىي سەككىز كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 10-ئاينىڭ 7-كۈنى (شەنبە)، 8-كۈنى (يەكشەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ.
2. قىشلىق ۋە يازلىق مەشغۇلات ۋاقتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى:
(1) يازلىق مەشغۇلات ۋاقتى: 2023-يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يازلىق مەشغۇلات ۋاقتى يولغا قويۇلىدۇ، خىزمەت ۋاقتى: چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00دىن 14:00گىچە، چۈشتىن كېيىن سائەت 16:00دىن 20:00گىچە.
(2) قىشلىق مەشغۇلات ۋاقتى: 2023-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ قىشلىق مەشغۇلات ۋاقتى يولغا قويۇلىدۇ، خىزمەت ۋاقتى: چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00دىن 14:00گىچە، چۈشتىن كېيىن سائەت 15:30دىن 19:30غىچە.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى
2022-يىل 12-ئاينىڭ 25-كۈنى
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى