مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يەتتە نەپەر مۇتەخەسسىسنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك تىزىملىكى ئېلان قىلىندى

2022.12.29 16:01 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا 2022-يىللىق ئاپتونوم رايون چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ «تىيانشان مۇكاپاتى» غا ئېرىشىش تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، يەتتە مۇتەخەسسىس بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن، ئۇلار:


  شىنجاڭ سىفەن داشۆسى تەكلىپ قىلغان قىرغىزىستانلىق مۇتەخەسسىس ئايتىكىيېۋ توختوسۇن؛


  جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنى تەكلىپ قىلغان ئۆزبېكىستانلىق مۇتەخەسسىس بازاروۋ توخرى؛


  جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ رەسەتخانىسى تەكلىپ قىلغان گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىس خانگوك كرىستىيان جون؛


  شىنجاڭ «فۇرۈندې» يېزا ئىگىلىك مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى تەكلىپ قىلغان كانادالىق مۇتەخەسسىس لۇ داۋېي؛


  شىنجاڭ «جىنفېڭ» پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى تەكلىپ قىلغان ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىس سۈن يۈپىڭ؛


  ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى تەكلىپ قىلغان ياپونىيەلىك مۇتەخەسسىس يىتېڭ يىجى؛


  ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى تەكلىپ قىلغان كانادالىق مۇتەخەسسىس جاڭ جيەن.


  2022-يىللىق ئاپتونوم رايون بويىچە چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر «تىيانشان مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئايتىكىيېف توختوسۇن ناھايىتى ھاياجانلاندى، ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى مۇكاپاتقا ئېرىشىش مېنىڭ ئىلگىرى ئىشلىگەن خىزمەتلىرىمنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك، بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق تىرىشىپ، جۇڭگو-قىرغىزىستان دوستلۇقى ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭ سىفەن داشۆسىنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىق ئالاقىسى، خەلقئارا پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيىلەش قاتارلىق خىزمەتلىرى ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىمەن.


  ئاپتونوم رايوننىڭ چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر «تىيانشان مۇكاپاتى» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرگە بېرىدىغان ئەڭ ئالىي شەرەپ مۇكاپاتى. مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر ئالاقىدار تارماقلارنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، قاتتىق باھالاش تەرتىپى ۋە مىقدارلاشتۇرۇپ نومۇر بېرىش ئۆلچىمى بويىچە باھالىنىپ، ئاخىرىدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قارار قىلىدۇ. بۇ مۇكاپات تۈرى ھەر يىلى بىر قېتىم باھالىنىدۇ، ھەر قېتىمدا بەشتىن ئونغىچە كىشى باھالىنىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى «تەڭرىتاغ مۇكاپاتى» مېدالى ۋە گۇۋاھنامىسى بېرىدۇ.


  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىن جەمئىي 65 چەت ئەللىك مۇتەخەسسىس بۇ شەرەپكە ئېرىشىپ، چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ خىزمەت قىزغىنلىقىنى قوزغاش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينىدى. بۇنىڭدىن باشقا، چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر بىۋاسىتە ھېس قىلغان «جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسى» ئارقىلىق دۇنياغا ھەقىقىي، گۈزەل شىنجاڭ نامايان قىلىندى.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ