مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

12- ئاينىڭ 31 - كۈنىدىن باشلاپ كىرىش بېلىتى ئۈچ ئاي كەچۈرۈم قىلىنىدۇ

2022.12.29 15:59 مەنبە: خەلق تورى

  خۇش خەۋەر! شىنجاڭ تىيانشان ياۋايى ھايۋانلار باغچىسىنىڭ كىرىش بېلىتى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىن باشلاپ ئۈچ ئاي كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.


  2022- يىل 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىن 2023 - يىل 3 - ئاينىڭ 31 – كۈنىگىچە شەھەر ئاھالىلىرى ماشىنا بېلىتى سېتىۋېلىپلا ھايۋانلار باغچىسىنى سەيلە قىلىپ، 4000 دىن ئارتۇق ياۋا قۇش ۋە ھايۋاننىڭ قىشلىق تۇرمۇشىنى قانغۇچە تاماشا قىلالايدۇ.


  كۆلىمى 75 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان شىنجاڭ تىيانشان ياۋايى ھايۋانلار باغچىسى نۆۋەتتە ئاسىيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ياۋايى ھايۋانلار باغچىسى بولۇپ، باغچا ئىچى ئېگىز تاغ، چۆللۈك، سۇلۇق يەر قاتارلىق كۆپ خىل يەر شەكلى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، دۆلەت A 4 دەرىجىلىك ياۋايى ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەرنى باشقا جايدا قوغداش، ئىلمىي تەتقىقات، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش بىر گەۋدە قىلىنغان ئۇنىۋېرسال ساياھەت مەنزىرە رايونى. باغچىدا 140 نەچچە خىل، 4000 دىن ئارتۇق ھايۋان بار.


  بىر نەچچە يىل باغچا رايونى مۇھىتىغا ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ھازىر زىمىستان قىشتا شەرقىي شىمال يولۋىسى، قوڭۇر ئېيىق، يايلاق بۆرىسى، قارلىق تاغىل ئېتى، ئاسىيا قارا ئېيىقى، ئافرىقا شىرى ۋە كېنگۇرۇ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قارلىق دالىدا ياشاپ، ئەركىن - ئازادە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، بۇ ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمال رايونىدىكى ياۋايى ھايۋانلارنى تەبىئىي قوغدايدىغان ئۆزگىچە جاي.


  شىنجاڭ تىيانشان ياۋايى ھايۋانلار باغچىسى ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونىغا جايلاشقان، شەھەر رايونىدىكى جەنۇبىي شىنخۇا يولى جەنۇبىي باغچىسى ئاممىۋى قاتناش بېكىتىگە 25 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا. ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ ساياھەتكە كەلگەندىن باشقا، شەھەر ئاھالىلىرى جەنۇبىي باغچا بېكىتىدە 313-يول ساياھەت مەخسۇس لىنىيىسىگە ئولتۇرۇپ بىۋاسىتە باغچە رايونىغا بارسا بولىدۇ. شىنجاڭ تىيانشان ياۋايى ھايۋانلار باغچىسىنىڭ قىشلىق ئېچىلىش ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:00 دىن كەچ سائەت 18:00 گىچە بولىدۇ.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ