مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى يۇقۇم ئەھۋالى توغرىسىدا بۇ ئىشنى ياخشى قىلىشنى ئىككى قېتىم ئەسكەرتتى

2022.08.18 14:33 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتى كەسكىن بولدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم ئەھۋالى توغرىسىدا شىنجاڭ تېخىمۇ قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇپ، تېخىمۇ تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، جەمئىيەت قاتلىمىدا نۆللەشتۈرۈشنى تېزدىن ئىشقا ئاشۇرماقتا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۈي ئىككى قېتىم خەلق تورىنىڭ» رەھبەرلەرگە سۆز قالدۇرۇش كۆزنىكى»، ئانار بۇلۇتى 12345 قاتارلىق ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنىڭ ئالاقە تورى سۇپىسى ۋە ھۆكۈمەت ئىشلىرى قىزىق لىنىيەسىنىڭ ۋاسىتىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى تەكىتلىدى. 8- ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۈي ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا بېرىپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، يۇقۇم مۇداپىئە ـ تىزگىن خىزمىتىنى تەكشۈردى ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلدى. ما شىڭرۇي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاممىنىڭ قەلب ساداسىغا ئەستايىدىل قۇلاق سېلىپ، خەلق تورىنىڭ سۆز قالدۇرۇش كۆزنىكى، ئانار بۇلۇتىنىڭ 12345 ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇ ئالاقە تورى سۇپىسى، ھۆكۈمەت ئىشلىرى قىزىق لىنىيەسى ۋاسىتىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۇرۇپ قالغان يولۇچىلار، يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىلىدىن، شىنجاڭدىن ئايرىلىش قاتارلىق ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم سىياسەت ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە بىرلەشمە جەڭ قىلىش ئىشەنچىنى مۇجەسسەملەپ، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئورتاق غەلىبە قىلىش كېرەك.

  ما شىڭرۈي غۇلجا شەھىرىدە يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان تېببىي خادىملارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، داۋالاش، قۇتقۇزۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. جاڭ چىڭخۇا فوتوسى

  8- ئاينىڭ 15 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش تېلېۋىزىيە ـ تېلېفون يىغىنى ئاچتى. ما شىڭرۈي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پاش قىلىش، ئەرز قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قاتناش ـ تىرانسپورت مۇلازىمىتىنى نازارەت قىلىش ۋە ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، خەلق تورىنىڭ سۆز قالدۇرۇش كۆزنىكى ۋە ئانار بۇلۇت 12345 ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇ ئالاقە تورى سۇپىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئەرز-شىكايەتلىرىنى ۋاقتىدا جەملەپ، مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىش كېرەك (چېكىپپ ئەسلىي تېكىستنى كۆرۈڭ)
  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش، ئاممىنىڭ دەۋا تەلىپى، تەكلىپ بېرىش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن 8-ئاينىڭ 15-كۈنى خەلق تورىنىڭ» رەھبەرلەرگە سۆز قالدۇرۇش كۆزنىكى» دە «ئۈرۈمچى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ـ تىزگىنلەش بويىچە ياردەم تەلەپ قىلىش ۋە تەكلىپ بېرىش يولى« نى ئاچتى، ھازىر خەلق ئاممىسى ۋە تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىدىكى جىددىي، قىيىن، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىلىرى ئوتتۇرغا قويۇلۇپ، مەسىلىلەرنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ مۇداپىئە ـ تىزگىن خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ