مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئارشاڭ ناھىيەسىدە سەككىز مىليون يىل بۇرۇنقى ئۈچ ئاچا تۇياقلىق ئاتقا ئوخشايدىغان ھايۋانلار توپىنىڭ تاش قاتمىسى بايقالدى

2022.07.27 14:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى قەدىمكى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار ۋە قەدىمكى ئىنسانلار تەتقىقات ئورنىنىڭ ئارخېئولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى شىنجاڭ ئارىشاڭ ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى كۇندېلۇن چارۋىچىلىق فېرمىسىنىڭ بىر تاغ يامزىلىدا تەكشۈرۈۋاتقاندا، سۈت ئەمگۈچى ھايۋاننىڭ تاشقاتمىسىنى بايقىغان.

  جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى قەدىمكى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار ۋە قەدىمكى ئىنسانلار تەتقىقات ئورنى قەدىمكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، تەتقىقاتچى ۋاڭ شىچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىم بايقالغان تاشقاتما قاتلىمىنىڭ ئورنى مەركەزلەشكەن بولۇپ، زىچلىقى يۇقىرى، قىسمەن تاشقاتمىلار ئۆزئارا تۇتىشىپ كەتكەن. تاشقا ئايلانغان جىسىملارنى دەسلەپكى قەدەمدە ئانالىز قىلىپ پەرقلەندۈرۈش ئارقىلىق ئۈچ ئاچا تۇياقلىق ئات، بۆكەن، قەدىمكى بوبرا كېيىك، تۆت قىرلىق چىشلىق پىل قاتارلىق ئۈچ ئاچا تۇياقلىق ئاتقا ئوخشايدىغان ھايۋانلار توپىنىڭ دائىم ئۇچرايدىغان ئەزالىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ دەۋرى بۇنىڭدىن تەخمىنەن 8 مىليون يىل بۇرۇن ئىكەن.

  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ چۆكمە مۇھىتقا ئاساسلانغاندىكى دەسلەپكى مۆلچەرىگە قارىغاندا، بۇ رايون كەڭ كەتكەن تاغ ئالدى تۈزلەڭلىك مۇھىتى بولۇپ، ھۆل-يېغىننىڭ تارقىلىشى پەسىل خاراكتېرىگە ئىگە، قۇرغاق پەسىلدە يەككە سۇ مەنبەسى شەكىللىنىدۇ، سۇ مەنبەسى قۇرۇپ كەتكەن ھامان زور تۈركۈمدىكى ھايۋانلار سۇ مەنبەسىگە يىغىلىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ، يامغۇر پەسلىدىكى چۆكۈندى ماددىلار تەرىپىدىن تېزلا كۆمۈلۈپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇنداق كۆمۈلۈپ قېلىش تۈرى شەكىللىنىدۇ، بۇ تاشقاتما نۇقتىسى ۋە كۆمۈلۈپ قېلىش تۈرىنىڭ مۇكەممەللىك دەرىجىسى يۇقىرى بولغاچقا، بىرقەدەر يۇقىرى ئىلمىي تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە بولۇپ، كەلگۈسىدە پىلانلىق قېزىپ تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ. بۇ قېتىمقى ئارشاڭ ناھىيەسىدىكى ئۈچ ئاچا تۇياقلىق ئاتقا ئايلانغان ھايۋانلار توپىنىڭ قايتا بايقىلىشى ئۈچ تۇياقلىق ئاتقا ئوخشايدىغان ھايۋانلار توپىنىڭ ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ شەرق-غەرب ئىككى تەرىپىدە تارقىلىپ كۆچۈپ يۈرگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، شۇنداقلا بۇ دەۋردىكى قەدىمكى ئېكولوگىيەنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ