مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاكادېمىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ شىنجاڭغا نەزىرى | دۆلەت نەپەس يولى كېسەللىكلىرى كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا مەركىزىنىڭ شۆبە مەركىزى شىنجاڭغا ماكانلاشتى

2022.07.19 14:32 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 17-كۈنى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئاكادېمىيە باشلىقى، ئاكادېمىك، جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى بېيجىڭ شيېخې تېببىي شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ چېن (ئالدى رەت سولدا) دۆلەت نەپەس يولى كېسەللىكلىرى كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا مەركىزىگە ۋاكالىتەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى بىلەن دۆلەت نەپەس يولى كېسەللىكلىرى كىلىنىكىلىق تېببىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ شۆبە مەركىزىنى ھەمكارلىشىپ ئورتاق قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى.

  7- ئاينىڭ 17-كۈنى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئاكادېمىيە باشلىقى، ئاكادېمىك، جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى بېيجىڭ شيېخې تېببىي شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ چېن، دۆلەت نەپەس يولى كېسەللىكلىرى كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا مەركىزىگە ۋاكالىتەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى بىلەن ئۈرۈمچىدە دۆلەت نەپەس يولى كېسەللىكلىرى كىلىنىكىلىق تېببىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ شۆبە مەركىزىنى ھەمكارلىشىپ ئورتاق قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى.

  7- ئاينىڭ 17-كۈنى، دۆلەت نەپەس يولى سىستېمىسى كېسەللىكلىرى كىلىنىكىلىق تېببىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ شۆبە مەركىزىدە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئاكادېمىيە باشلىقى، ئاكادېمىك، جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى بېيجىڭ شيېخې تېببىي شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ چېن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدىكى تېببىي خادىملارغا دەرس ئۆتتى.

  دۆلەت نەپەس يولى كېسەللىكلىرى كىلىنىكىلىق تېببىي تەتقىقات مەركىزى 2013-يىلى قۇرۇلغان، ئېلىمىزدە تەسىس قىلىنغان تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەتلىك كىلىنىكىلىق تېببىي تەتقىقات مەركىزى. دۆلەت پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى، سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى قاتارلىق مىنىستىرلىق، كومىتېتلارنىڭ باشقۇرۇشىدىكى دۆلىتىمىزنىڭ كىلىنىكىلىق تەتقىقات بايلىقى مول، لېكىن تەتقىقات ئىقتىدارى نىسبەتەن ئاجىز، نەتىجە يارىتىش سەۋىيەسى تۆۋەن، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش، قوللىنىش ئاستا بولۇش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرگە قارىتا، دىققەتنى نەپەسلىنىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرىدىن ئىبارەت كىلىنىكىدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان، ئۆلۈم ۋە كېسەللىك يۈكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھەرقايسى سىستېمىلاردىكى كېسەللىكلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان مۇھىم كېسەللىك ساھەسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ تەسىس قىلغان دۆلەت دەرىجىلىك كىلىنىكىلىق تەتقىقات سۇپىسى.

  جۇڭگو-ياپونىيە دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ ياردىمىدە دۆلەت نەپەس يولى كېسەللىكلىرى كىلىنىكىلىق تېببىي تەتقىقات مەركىزى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) نى قاپلىغان، 100 دىن ئارتۇق يادرولۇق ئورۇن ۋە 500 دىن ئارتۇق ئومۇملاشتۇرۇلغان ئورۇننىڭ كىلىنىكىلىق تەتقىقات ماسلاشتۇرۇش تورىنى قۇرۇپ، نەپەسلىنىش ساھەسىدىكى كۆپ تۈرلۈك مۇھىم تەتقىقات نەتىجىلىرىنى كىلىنىكىلىق دىياگنوز قويۇش-داۋالاش تېخنىكىسىغا ئايلاندۇرۇپ، قېلىپلاشتۇرۇپ ھەم تەتقىقات ماسلاشتۇرۇش تورىدا ئومۇملاشتۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى مۇھىم پەن-تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

  نەپەس يولى كېسەللىكلىرى ۋە خەتەرلىك كېسەللىكلەر تېببىي مەركىزى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئەۋزەل پېنى. دۆلەتلىك نەپەس يولى سىستېمىسى كېسەللىكلىرى كىلىنىكىلىق تېببىي تەتقىقات مەركىزى شۆبە مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق، تېخىمۇ دەل جايىدا بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىغا پۇختا ئاساس سالدى. شۇنداقلا كېيىنكى مەزگىلدە رايونلارنىڭ ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى تەقسىملىشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رايون ئىچىدىكى نەپەس سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى ئۇنىۋېرسال داۋالاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بازىسى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئايلاندۇرۇش سۇپىسى تەسىس قىلىپ، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان نەپەس سىستېمىسى دۆلەتلىك رايون داۋالاش مەركىزىنى شەكىللەندۈرۈشكە ئاساس سالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ