مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ تور سۇپىسى ئارقىلىق بۇ يىل شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان 144 مىڭ 600 ئوقۇغۇچىنى 66 مىڭ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى

2022.05.17 13:24 مەنبە: خەلق تورى

  بۇ يىل شىنجاڭدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغانلار 144 مىڭ 600 ئۇقۇغۇچى بولۇپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ئالىي مەكتەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش، مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلىش، مەخسۇس پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بىۋاسىتە كۆرسىتىش، ئۈندىدار، QQ قاتارلىق تور سۇپىلىرى ئارقىلىق 66 مىڭ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، 8126 ئادەم قېتىم ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇددىئانامىسى دەسلەپكى قەدەمدە ھاسىل قىلىندى.


  شىنجاڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت ئىزدەش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، تور تېخنىكىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىدىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «شىنجاڭدا خىزمەت قىلىش» بىۋاسىتە كۆرسىتىش مۇلازىمىتىدە داڭلىق كارخانىلارنىڭ كادىرلار مەسئۇلى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يېتەكچى مۇتەخەسسىسلىرىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىشتىن پايدىلىنىپ سىياسەت تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش، كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنىنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى.


  ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە«شىنجاڭدا خىزمەت قىلىش» بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە 67 قارار ئىشقا ئورۇنلىشىشىقا يېتەكچىلىك قىلىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، 925 كارخانا بۇنىڭغا پائال قاتنىشىپ، 25 مىڭ 600 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. بۇ جەرياندا چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرگە ماس كېلىدىغان ئىش ئورنى ئۇچۇرلىرىنى تاللاپ، دەل جايىدا تەمىنلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا ماس كېلىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىلدى.


  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى ئالىي مەكتەپلەر بىلەن پائال ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى، ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇددىئاسى ۋە ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلىدى. ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن تەشكىللەپ باشقۇرۇشقا قولايلىق بولغان پايدىلىق پۇرسەتتىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىدىكى«ئالتىنى كىرگۈزۈش» پائالىيىتىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى، ئىش ئىزدەش ماھارىتى ۋە ئىشقا قوبۇل قىلىش ئۇچۇرلىرىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئىگىلىشىگە ياردەم بەردى.


  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 384 مەيدان (قېتىم) مەكتەپ ئىچىدە ئىشقا قوبۇل قىلىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، 3707 ئورۇن پائال قاتنىشىپ، 73 مىڭ 900 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ