مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«جۇرۇڭ» ناملىق مارس ماشىنىسىنىڭ زور بايقىشى

2022.05.13 14:04 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ 12-چېسلا جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۆلەت بوشلۇق ئىلمى مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ مەركەزدىكى تەتقىقاتچى ليۇ ياڭنىڭ كوللېكتىپى «جۇرۇڭ» ناملىق مارس ماشىنىسى ئېرىشكەن قىسقا دولقۇنلۇق ئىنفرا قىزىل نۇر سپېكتىرى ۋە يول باشلاش يەر شەكلى فوتو ئاپپاراتى سانلىق مەلۇماتىدىن پايدىلىنىپ، گىيولوگىيەلىك دەۋرى بىر قەدەر كىچىك بولغان قونۇش رايونىدا جىنسلاشقان تاختىسىمان قاتتىق پوست قاتلىمىنى بايقىغان، بۇ قاتلامدا سۇ تەركىبلىك سۇلفات قاتارلىق مىنېراللار مول ئىكەن.


  تەتقىقات كوللېكتىپى مۇنداق ھۆكۈم قىلغان: بۇ قاتتىق پوست قاتلىمى يەر ئاستى سۈيى تېشىپ چىققان ياكى كاپىللىيار رولى بىلەن پارلىنىپ كىرىستاللاشقان تۇز تۈرىدىكى مىنېراللار مارس تۇپرىقى بىلەن چاپلىشىپ، جىنسلىشىپ شەكىللەنگەن بولۇشى مۇمكىن.


  بۇ بايقاش مارسنىڭ كىلىمات مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىش تارىخىنى چۈشىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، شۇنداقلا «جۇرۇڭ» ناملىق مارس ماشىنىسىنىڭ خەلقئارادا تۇنجى قېتىم كۆزىتىش ئۈسكۈنىسىدىكى قىسقا دولقۇنلۇق ئىنفرا قىزىل نۇر سپېكتروسكوپتىن پايدىلىنىپ مارسنىڭ ئەسلىي ئورنىدا سۇ تەركىبلىك مىنېراللارنى تەكشۈرۈشىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ