مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈرۈمچى ئايرودرومى 5-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا خەلقئارا يولۇچىلار نۆۋەتچى ئايروپىلانىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ

2022.05.13 14:02 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودرومىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئۈنۈملۈك تىزگىنلىنىشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودرومى 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا خەلقئارا يولۇچىلار نۆۋەتچى ئايروپىلانىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پىلانلاپ، ئۈرۈمچى-ئالمۇتا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى تۇنجى بولۇپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بېكىتكەن، بۇ لېنىيەدە جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۇچۇشنى ئىجرا قىلىدىكەن، كېيىنكى مەزگىلدە تېخىمۇ كۆپ خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن.


  5-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودرومى ئۇچۇش باشقۇرۇش كومىتېتى جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودرومى يۇقۇمدىن مۇداپىيەلىنىش-تىزگىنلەشنى باشقۇرۇش بۆلۈمى، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى تېخنىكا شۆبە شىركىتى شىنجاڭ رېمونت بازىسى قاتارلىق كاپالەت ئورۇنلىرى بىلەن بىرلىشىپ، خەلقئارا يولۇچىلار نۇقتىسىدىن خەلقئارا يولۇچىلار نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ پورتقا كىرىش-چىقىش ئومۇمىي تەرتىپىنى تەقلىد قىلدى.


  قەرەللىك يولۇچىلار نۆۋەتچى ئايروپىلانىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىنكى يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىگە قارىتا، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودرومى تاموژنا، چېگرا تەكشۈرۈش، ئاۋىياتسىيە شىركىتى قاتارلىق ھەرقايسى كاپالەت ئورۇنلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئىش تەرتىپىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قانۇن بويىچە ئىلمىي، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى سورۇنلارنى دېزىنفېكسىيىلەش قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، خىزمەتچى خادىملار، ئاپتوموبىل ۋە ئۈسكۈنىلەرنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.


  ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودرومى خەلقئارادىكى، دۆلەت ئىچىدىكى يولۇچى ۋە يۈكنى ئايرىشنى يولغا قويۇپ، «ھالقا ئىچى»، «ھالقا سىرتى» دىكى خادىملار، ئاپتوموبىل، ئۈسكۈنىلەرنى گىرەلەشتۈرمەي، ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتمەي، رايوننى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش، ھەرىكەت لىنىيەسىنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش، يېپىق ھالقىلىق باشقۇرۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك مۇداپىئەلىنىش ئارقىلىق ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلىتىپ،«كىشىلەرنىڭ يۇقۇملانماسلىق» تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، ئاۋىياتسىيە پورتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىكەن.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ