5-ئاينىڭ 9-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قۇتقۇزغۇچىلىرىنى تەربىيەلەش بازىسى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 6-دوختۇرخانىدا قۇرۇلدى. بۇ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە قۇرغان 2-جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشقۇتقۇزغۇچىلىرىنى تەربىيەلەش بازىسى.
شۇ كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 6- دوختۇرخانىسىنىڭ ۋەكىللىرى بىرلىكتە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قۇتقۇزۇغۇچىلىرىنى تەربىيەلەش بازىسىنى ھەمكارلىشىپ قۇرۇش توغرىسىدىكى كېلىشىم» نى ئىمزالىدى ھەمدە ۋىۋىسكا ئېسىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ياردەم بېرىپ قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ چاڭلىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ، تەربىيەلەش، ئۆگىتىش، ھېس قىلدۇرۇش بىر گەۋدە قىلىنغان جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قۇتقۇزغۇچىلىرى بازىسى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قۇتقۇزغۇچىلار قوشۇنىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈدۇ. بۇ قۇتقۇزغۇچىلار قوشۇنى ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ئارىسىدا جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش خادىملىرىنى كەڭ كۆلەمدە تەربىيەلەپ، جىددىي قۇتقۇزۇش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئۆزىنى قۇتقۇزۇش، ئۆزئارا قۇتقۇزۇش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ. شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 6-دوختۇرخانىدىكى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سۈي خۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تەربىيەلەش دەرسلىكى يۈرەك، ئۆپكە خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئەڭ يېڭى كۆرسەتمە تەلىپىگە ئاساسەن تۈزۈلگەن بولۇپ، يۈرەك، ئۆپكە خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، جاراھەتنى داۋالاپ قۇتقۇزۇش، تاسادىپىي زەخىملىنىش ۋە دائىم كۆرۈلىدىغان جىددىي كېسەللەر، خەتەردىن ساقلىنىش، ۋە يۇقۇمدىن مۇداپىيەلىنىش قاتارلىق ئالتە چوڭ بىلىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ بازا بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 150 جىددىي قۇتقۇزۇش خادىمىنى تەربىيەلەيدىكەن. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى تۇنجى جىددىي قۇتقۇزۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش بازىسى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى پەرۋىش شۆيۈەنىدە قۇرۇلغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ