مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شەخسىي ئىناۋەت دوكلاتىنى ئالتە خىل ئۇسۇلدا سۈرۈشتۈرگىلى بولىدۇ

2022.05.13 14:00 مەنبە: خەلق تورى

  


  ئۆي-مۈلۈك سېتىۋېلىش، قەرز پۇل بېجىرىش، مۇنەۋۋەر-ئىلغارلارنى باھالاش، شەخسىي ئىناۋەت دوكلاتى قاتارلىقلار شەخسنىڭ «ئىقتىسادىي كىملىكى» بولۇش سۈپىتىدە كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى رولى بارغانسېرى مۇھىم بولماقتا.


  5- ئاينىڭ 10-كۈنى، مۇخبىرنىڭ جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ ئىناۋەت ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمەت يوللىرىنى ئۈزۈكسىز كېڭەيتىپ، ئاممىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان شەخسىي ئىناۋەت دوكلاتىنى شۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرغان، ھازىر شەخسىي ئىناۋەت دوكلاتىنى توردا ۋە يۈز تۇرانە سۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمەت سىستېمىسى شەكىللىنىپ، ئاممىنىڭ ئىناۋەت دوكلاتىنى سۈرۈشتۈرۈشى زور دەرىجىدە قولايلاشقان.
توردا سۈرۈشتۈرۈش جەھەتتە، شەھەر ئاھالىلىرى جۇڭگو خەلق بانكىسى ئىناۋەت مەركىزى ئورگان تورى، شەخسىي تور بانكىسى، شەخسىي يانفون بانكىسى ۋە يۈنشەنفۇ Appسى قاتارلىق تۆت خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق شەخسىي ئىناۋەت دوكلاتىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.


  نۆۋەتتە، شىنجاڭدا سودا -سانائەت بانكىسى، قۇرۇلۇش بانكىسى، پوچتا ئامانەت بانكىسى، سودىگەر چاقىرىش بانكىسى، پۇدۇڭ تەرەققىيات بانكىسى، جۇڭشىن ئوقەتچىلىك بانكىسى، گۇاڭدۇڭ تەرەققىيات بانكىسى، خەلق تۇرمۇشى بانكىسى قاتارلىق سەككىز بانكا شەخسىي تور بانكىسى ئارقىلىق شەخسىي ئىناۋەت دوكلاتىنى سۈرۈشتۈرۈش كەسپىنى يولغا قويغان. سودا-سانائەت بانكىسى، يېزا ئىگىلىك بانكىسى، جۇڭگو بانكىسى، قۇرۇلۇش بانكىسى، قاتناش بانكىسى، پوچتا ئامانەت بانكىسى، سودىگەر چاقىرىش بانكىسى، پۇدۇڭ تەرەققىيات بانكىسى، جۇڭشىن ئوقەتچىلىك بانكىسى ، گۇاڭدۇڭ تەرەققىيات بانكىسى، ئامانلىق بانكىسى، گۇاڭدا بانكىسى، خەلق تۇرمۇشى بانكىسى قاتارلىق 13 بانكا شەخسىي يانفون بانكىسى ئارقىلىق شەخسىي ئىناۋەت دوكلاتىنى سۈرۈشتۈرۈش كەسپىنى يولغا قويغان.
يۈزتۇرانە سۈرۈشتۈرۈش جەھەتتە، خەلق بانكىسى سىستېمىسىنىڭ ھەر قايسى تارماق ئاپپاراتلاردىكى 72 سۈرۈشتۈرۈش نۇقتىسى شەخسىي ئىناۋەت دوكلاتىنى سۈرۈشتۈرۈش پۇكىيى بىلەن تەمىنلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەھەر ئاھالىلىرى شەخسىي ئىناۋەت دوكلاتىنى بانكا ئۈسكۈنىسىدە ئۆز ئالدىغا سۈرۈشتۈرسىمۇ بولىدۇ.


  نۆۋەتتە، شەخسىي ئىناۋەت دوكلاتىنى ئۆز ئالدىغا سۈرۈشتۈرۈش ماشىنىسى خەلق بانكىسى سىستېمىسىدىكى ھەرقايسى تارماق ئاپپاراتلارنىڭ سۈرۈشتۈرۈش نۇقتىلىرى، قىسمەن سودا بانكىسى تور نۇقتىلىرى، قىسمەن ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت زالى تور نۇقتىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئۈندىدار كىچىك ئەپچىقى«ئىناۋەت ياردەمچىسى» دىن پايدىلىنىپ ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا يېقىن ئەتراپتىكى ئىناۋەت دوكلاتىنى سۈرۈشتۈرگىلى بولىدىغان تور نۇقتىلىرىنىڭ جايلىشىشىنى تەكشۈرۈگىلى بولىدىغان بولۇپ، بۇ ئەپچاق شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يېقىن ئەتراپتا تاللاپ سۈرۈشتۈرۈشىگە قولايلىق ياراتتى.
شىنجاڭ يەنە كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت دوكلاتىنى توردا ۋە يۈزتۇرانە سۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىش بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىپ، كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇردى.
توردا سۈرۈشتۈرۈش جەھەتتە، كارخانا كارخانا تور بانكىسى ۋە يانفون بانكىسى ئارقىلىق كارخانىنىڭ ئىناۋەت دوكلاتىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.


  نۆۋەتتە، شىنجاڭدا سودا-سانائەت بانكىسى، يېزا ئىگىلىك بانكىسى، جۇڭگو بانكىسى، قۇرۇلۇش بانكىسى، قاتناش بانكىسى، سودىگەر چاقىرىش بانكىسى، پۇدۇڭ تەرەققىيات بانكىسى، جۇڭشىن ئوقەتچىلىك بانكىسى ، گۇاڭدۇڭ تەرەققىيات بانكىسى، ئامانلىق بانكىسى، خەلق تۇرمۇشى بانكىسى، بېيجىڭ بانكىسى قاتارلىق 12 بانكا كارخانا تور بانكىسى ئارقىلىق كارخانىنىڭ ئىناۋەت دوكلاتىنى سۈرۈشتۈرۈش كەسپىنى يولغا قويغان. سودا-سانائەت بانكىسى، يېزا ئىگىلىك بانكىسى، قۇرۇلۇش بانكىسى، قاتناش بانكىسى، سودىگەر چاقىرىش بانكىسى، پۇدۇڭ تەرەققىيات بانكىسى، جۇڭشىن ئوقەتچىلىك بانكىسى ، گۇاڭدۇڭ تەرەققىيات بانكىسى، ئامانلىق بانكىسى، خەلق تۇرمۇشى بانكىسى قاتارلىق 10 بانكا يانفون بانكىسى كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت دوكلاتىنى تەكشۈرۈشنى يولغا قويغان .


  يۈز تۇرانە سۈرۈشتۇرۈش جەھەتتە، خەلق بانكىسى سىستېمىسىنىڭ ھەر قايسى تارماق ئاپپاراتلىرىدىكى 72 سۈرۈشتۈرۈش نۇقتىسىنى كارخانا ئىناۋەت دوكلاتى پۇكىيى ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈش بىلەن تەمىنلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كارخانىنىڭ ئىناۋەت دوكلاتىنى ئۆز ئالدىغا سۈرۈشتۈرۈش ماشىنىسىدىن تۆتى خەلق بانكىسىنىڭ ئۈرۈمچى، سانجى، بايىنغولىن، ئىلىنىڭ مەزكىزى تارمىقىدىكى ئىناۋەت ئۇچۇر مۇلازىمەت زالىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى


مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ