مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇاڭدۇڭغا بېرىپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشتە بولدى

2022.05.12 11:25 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

​ لى شى، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ ۋېيجۇڭ پائالىيەتكە قاتناشتى

5 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىن 9 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ گۇاڭدۇڭغا بېرىپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشتە بولدى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى شى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى ۋاڭ ۋېيجۇڭ پائالىيەتكە قاتناشتى.

5- ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، لى شى، ۋاڭ ۋېيجۇڭ ئەركىن تۇنىياز ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن خىزمەت سۆھبىتى ئۆتكۈزدى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى.

لى شى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن، شىنجاڭنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان گۇاڭدۇڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: گۇاڭدۇڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپىنى قەتئىي ياخشى ئورۇنداپ، يېڭى دەۋردە گۇاڭدۇڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىدا يەنە يېڭى سەۋىيە يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا ياردەم بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا كۈچ قوشۇش كېرەك. كەسىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، داۋالاش ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن گۇاڭدۇڭنىڭ تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ھەمدە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە شىنجاڭغا خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇزاقتىن بۇيان، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى باشتىن - ئاخىر بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، گۇاڭدۇڭنىڭ ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىدىغان، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ۋارىسلىق قىلىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىلغان، يۇغۇرما شەكىلدە تەرەققىي قىلىدىغان شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يولى ئاچتى. ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكلىپ بەردى: شىنجاڭ گۇاڭدۇڭ بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى؛ گۇاڭدۇڭنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتا كۈچلۈك ئۆلكە بولۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى؛ رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش جەھەتتە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك.

ۋاڭ ۋېيجۇڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دىققەتنى خەلق تۇرمۇشى جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قاتارلىقلاردا نۇقتىلىق، دەل جايىدا كۈچەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇش كېرەك. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىن ئىبارەت ئىككى جاينىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى بىلەن گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى، شېنجېن ئالدىن يۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى ۋە خېڭچىن، چيەنخەيدىن ئىبارەت ئىككى ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئورتاق ئۆستۈرۈپ، ئىقتىساد - سودا كەسپى ۋە مەدەنىيەت - ساياھەت ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تەجرىبىلىرىنى ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى جاينىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

گۇاڭدۇڭدىكى مەزگىلدە، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى پەن - تېخنىكا كارخانىلىرى، شەھەر كوچا رايونلىرى، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپ قاتارلىق جايلاردا ئېكسكۇرسىيە ۋە تەكشۈرۈشتە بولدى.

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى رەھبەرلىرىدىن لىن كېچىڭ، جاڭ فۇخەي، جاڭ خۇ، گۇاڭجوۋ شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى گو يۇڭخاڭ، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن چېن ۋېيجۈن، ئېلزات ئەخمەتجان، لى نىڭپىڭ قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ