خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەكتەپتىن ئايرىلغىنىغا ئىككى يىل بولمىغان، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان، 16 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ئىشسىز ياشلاردىن ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكىسى قىلىشنى ئىلتىماس قىلماقچى بولغانلار ھازىر توردا مۇلازىمەت قىلىش سۇپىسى ئارقىلىق مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پىراكتىكا ئىش ئورنىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، شۇنداقلا ئاپتونوم رايوننىڭ مۇلازىمەت مەخسۇس رايونى ئارقىلىق قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ئۆز جايىدىكى پىراكتىكا ئىش ئورنىغا ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق 10 تارماق «مىليون كىشىلىك پىراكتىكا ئىش ئورنى ھازىرلاش پىلانىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، بۇ يىل مىليون كىشىلىك پىراكتىكا ئىش ئورنى ھازىرلاش پىلانىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى، پۈتۈن بىر يىلدا 1 مىليوندىن ئارتۇق پىراكتىكا ئىش ئورنى ھازىرلاش، ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكا خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىش پىلانلاندى. يېقىندا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن مىليون پىراكتىكا ئىش ئورنى ھازىرلاش پىلانى مۇلازىمەت سۇپىسى (http://zhaopin.ciic.com.cn)نى تورغا چىقىرىپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئىككى تەرەپ ئۈچۈن يۇقىرى ئۈنۈملۈك تۇتاشتۇرۇش كۆۋرۈكى قۇردى.
شىنجاڭ ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت تورى (https://www.xjggjy.com/)غا تايىنىپ، شىنجاڭ يەرلىك مۇلازىمەت مەخسۇس رايونى تەسىس قىلىپ، يەرلىك ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكا ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىپ، سىياسەت تەشۋىقاتى، ئىش ئورنى ئېلانى، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى ئۇدۇللاشتۇرۇش قاتارلىق بىر گەۋدىلەشكەن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئاپتونوم رايوننىڭ پىراكتىكا ئىش ئورنىغا ئىلتىماس قىلماقچى بولغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، ياشلار شىنجاڭ ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت تورىغا چىقىپ، مۇلازىمەت زالىنىڭ «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىراكتىكا قىلىش» بۆلىكىگە كىرىپ، «مىليون كىشىلىك پىراكتىكا ئىش ئورنى ھازىرلاش پىلانى»نى چېكىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىراكتىكا ئىش ئورۇنلىرىنى كۆرۈپ، توردا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، ئىلتىماس قىلىش ئارقىلىق پىراكتىكانتلار پىراكتىكا مەزگىلىدە ئاساسىي تۇرمۇش خىراجىتى، كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسى قاتارلىق كاپالەتلەردىن بەھرىمەن بولىدىكەن. پىراكتىكا قىلدۇرىدىغان ئورۇنلارغا بەلگىلىمە بويىچە پىراكتىكا تولۇقلىمىسى، باج-ھەق ياردىمى ۋە مۇناسىپ رىغبەتلەندۈرۈش سوممىسى بېرىلىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى