مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قورغاس پورتىدىن ئۆتىدىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى 60قا يەتتى

2022.05.10 13:17 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  «بۇ يىل قورغاس پورتىدا جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسىدىن تۆتى يېڭىدىن كۆپەيتىلدى، بۇنىڭ بىلەن قورغاس پورتىدىن ئۆتىدىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى 60قا يەتتى» دېدى 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى قورغاس تاموژنىسى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش 3 - بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى لۈ ۋاڭشېڭ.





  4 -ئاينىڭ 25 - كۈنى، گۇيياڭدىن يولغا چىققان، 42 يۈك ساندۇقى بېسىلغان، قىزدۇرۇپ پىروكاتلانغان غەيرىي قېتىشمىلىق يۇمىلاق پولات، سۈزگۈچ، ئائىلىدە ئوينىلىدىغان ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن ماشىنىسى قاتارلىق 596 توننا لىق مال قاچىلانغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قورغاس تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق چېگرادىن چىقىپ، گىرۇزىيەگە يۈرۈپ كەتتى. بۇ نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى قورغاس پورتىدىن ئۆتىدىغان 60 - جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى.





  2021- يىلىدىن بۇيان، قورغاس پورتىدىن ئۆتىدىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى سانى، لىنىيەسىدە بىردەك زور دەرىجىدە ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسىدىن قارىغاندا، 2021 - يىلى قورغاس پورتىدىن ئۆتىدىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسىدىن 35ى يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن، 2021 - يىلىدىن 2022 - يىلى 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنىگىچە، قورغاس پورتىدىن ئۆتىدىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسىدىن جەمئىي 39ى يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن لىنىيەدە قاتنايدىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سانى پورتتىن ئۆتىدىغان نۆۋەتچى پويىز ئومۇمىي سانىنىڭ %65ىنى ئىگىلىگەن. يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن نۆۋەتچى پويىزلار يولغا چىقىدىغان ئورۇنلار شىئەن، چۇڭچىڭ، چېڭدۇ قاتارلىق جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى توپلانغان شەھەرلەرگە مەركەزلەشكەن.





  لۈ ۋاڭشېڭ مۇنداق بىلدۈردى: يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن لىنىيەلەر ئىچىدە، شىنجاڭنىڭ ئۆزىدىن قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىز لىنىيەلىرىدىمۇ زور دەرىجىدە ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. 2021 - يىلى، قورغاس پورتى ئارقىلىق ئۈرۈمچىدىن رۇسىيەگە، كورلىدىن گىرۇزىيەگە، سانجىدىن قازاقىستان قاتارلىقلارغا قاتنايدىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسىدىن 11ى يېڭىدىن كۆپەيتىلدى. 2022 - يىلى يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن تۆت لىنىيە ئىچىدە، ئىككىسى شىنجاڭنىڭ ئۆزىدىن قاتنايدىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا قەشقەردىن ئالماتاغىچە ھەمدە قەشقەر قاغىلىقتىن تاجىكىستاننىڭ سىبىدامىڭغىچە بولغان لىنىيەسىدىن ئىبارەت. بۇمۇ شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىدىن ئىبارەت بۇ تىرانسپورت شەكلىدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنىڭ تەدرىجىي ئۆرلىگەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلىدۇ.





  جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى «مىقدار» جەھەتتىكى ئېشىشتىلا ئەمەس، بەلكى «سۈپەت» جەھەتتىكى ھالقىشتىمۇ ئىپادىلەندى. قورغاس تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىغا بېسىلغان ماللارنىڭ مال قىممىتى زور دەرىجىدە ئېشىش بىلەن بىللە، تاۋار قۇرۇلمىسىدىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ياخشىلىنىش بولغان، كۆپ مىقدارلىق بايلىق تىپىدىكى تاۋارلار يېرىمىنى ئىگىلىگەن، ماشىنا - ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلار، تەييار ئاپتوموبىل قاتارلىق قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى مەھسۇلاتلار زور دەرىجىدە ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ