خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2022-يىلى، شىنجاڭدا شەھەر-يېزىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمى داۋاملىق ئۆستۈرۈلۈپ، شەھەر-يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسى بىلەن ماس قەدەمدە ئۆسۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنغان. ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەرلەرنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %10، يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %15 ئۆستۈرۈلگەن. بۇ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش ئۆلچىمىنىڭ ئۆستۈرۈلۈش دەرىجىسى ئەڭ زور بولغان بىر قېتىملىقى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى يېتەكچى ئۆلچىمى ھەر بىر ئادەمگە ئايدا 560 يۈەندىن 616 يۈەندىن تۆۋەن بولماسلىققا ئۆستۈرۈلگەن. يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى يېتەكچى ئۆلچىمى ھەر بىر ئادەمگە يىلىغا 4600 يۈەندىن 5290 يۈەندىن تۆۋەن بولماسلىققا ئۆستۈرۈلگەن.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېڭى ئۆلچەم 2022-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ. بۇ يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن ئەسلىدىكى ئۆلچەم بويىچە ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش، ياردەم مەبلىغى ئالغانلار يېڭى ئۆلچەم بويىچە تولۇقلىما ئالسا بولىدۇ. جايلار، ئالاقىدار تارماقلار ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ