شىنجاڭ شاڭخەيگە 8 مىليون يۈەنلىك ماددىي ئەشيا ياردىمى بەردى

2022.04.08 14:56 مەنبە: خەلق تورى

  4 - ئاينىڭ 7- كۈنى سائەت 17:00 لەر ئەتراپىدا قۇرۇق مېۋە، نان، بولكا قاتارلىق مەھسۇلاتلار قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىل ئەترىتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ چوڭقۇر دوستلۇق سالىمىنى ئېلىپ ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنىڭ (يېڭىشەھەر رايونى) شىمالىي رايونى سانائەت باغچىسىدىكى شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى مەركىزىدىن يولغا چىقىپ، كېچىلەپ شاڭخەي شەھىرىگە ياردەمگە يېتىپ كەلدى.

  بۇ قېتىمقى ياردەم بېرىش ماددىي ئەشياسى جەمئىي 100 مىڭ كىشلىك بولۇپ، قىممىتى 8 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ. ئاساسلىقى قۇرۇق، ھۆل مېۋىلەر. قۇرۇق مېۋىلەر چىلان، كىشمىش قاتارلىق شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە قۇرۇق مېۋىلىرى، سۈت نان، بولكا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ھۆل مېۋە كورلا نەشپۈتى بولۇپ، ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جاي كورلىدىن پۈتۈن مۇساپىلىك سوغۇق ساقلاش شەكلىدە ئاپىرىلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنات - سودا كوپىراتىپى پارتكومىنىڭ ئەزاسى لۇ بەيرەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شاڭخەي شەھىرىدە يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنات - سودا كوپىراتىپىمىز تەشكىلىي ئەۋزەللىكى، تور ئەۋزەللىكى، ئوبوروت ئەۋزەللىكىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، قارىمىقىمىزدىكى كارخانا شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھىنىڭ 15 ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى تېزدىن يولغا قويۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، 100دىن ئارتۇق ئىشچىنى 24 سائەت ئىسمېنا ئالمىشىپ ئىشلەش تۈزۈمىنى قوللىنىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا ئاتلاندۇردۇق.

  شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جەي كەييۈەن مۇنداق دېدى: ماددىي ئەشيا تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، گۇرۇھىمىز ماللارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يەتكۈزۈش مەركەزلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، جىددىي يۆتكەپ يىغدۇق. 4 - ئاينىڭ 6 - كۈنىگىچە، 60 مىڭ كىشلىك ئالاھىدە قۇرۇق مېۋە خام ماتېرىيالىنىڭ ھەممىسىنى توپلاپ ئامبارغا ئەكىردۇق، 40 مىڭ كىشلىك نەشپۈتنىڭ ھەممىسىنى تەييار قىلدۇق.

  ئىئانە قىلىنغان ماددىي ئەشيالارنى دەل ۋاقتىدا شاڭخەيگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەننىڭ سودا تارماقلىرى شاڭخەي سودا ئىشلىرى تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ ۋە ماسلىشىپ، شۇ جايدىكى يۇقۇم مۇداپىئە – تىزگىن خىزمىتى تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، يېشىل كارىدور ئېچىپ توشۇدى. شاڭخەيگە ياردەم بېرىلىدىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى ماددىي ئەشيالار تۆت كۈندىن كېيىن شاڭخەيگە يەتكۈزۈلۈپ، قالغان ماددىي ئەشيالار بىر ھەپتە ئىچىدە توشۇلۇپ بولىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ