خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاينىڭ 29- كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2021 ـ 2022 ـ ئوقۇش يىلى 1 ـ مەۋسۇملۇق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مەۋسۇملۇق ئىمتىھان ۋاقتى بېكىتىلگەن. بۇ مەۋسۇمدە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مەۋسۇملۇق ئىمتىھانى 2022 ـ يىل 1 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، 10 ـ كۈنى ئېلىنىدىكەن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ مەۋسۇملۇق ئىمتىھانى 2022 ـ يىل 1 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنىدىن 18 ـ كۈنىگىچە ئېلىنىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، باشلانغۇچ مەكتەپ باسقۇچىدىكى 5-يىللىق ماتېماتىكا، ئۇنىۋېرسال (ئىنگلىز تىلى + ئىلىم-پەن) سۈپەت تەكشۈرۈش تىپىدىكى دەرسلىك بولۇپ، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ ئىمتىھانغا قاتناشتۇرىدىكەن، ئىمتىھان ۋاقتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2022-يىل 1-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 10دا ۋە سائەت 12دە ئىكەن. 1-، 2-يىللىقتىكىلەرگە ئۆزلۈكىدىن مۇستەھكەملەش مەشىقى ئېلىپ بېرىلىدىكەن، بىرتۇتاش قەغەز يۈزى ئىمتىھانى ئېلىنمايدىكەن. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى 7-يىللىق تىل-ئەدەبىيات دەرسى سۈپەت تەكشۈرۈش تىپىدىكى دەرسلىك بولۇپ، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ ئىمتىھانغا قاتناشتۇرىدىكەن، ئىمتىھان ۋاقتى 2022-يىل 1-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 10 دا ئىكەن، قالغان پەنلەر مەۋسۇملۇق ئىمتىھان تۈرىگە تەۋە ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ