مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 30-يىغىنىنىڭ تەيىنلەش-قالدۇرۇش ئىسىملىكى

(2021-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30-يىغىنىدا ماقۇللاندى)

2021.11.29 19:47 مەنبە: خەلق تورى

  يۈسۈپجان مەمەتنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  يۈسۈپجان مەمەت، ئەر، ئۇيغۇر، 1968-يىلى 10-ئايدا تۇغۇلغان، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، كومپارتىيە ئەزاسى، ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى. ئىلگىرى ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك پارتكوم خىزمەت تارماقلىرىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك ئورۇنلىرىنىڭ 1-قول ۋەزىپىسى، ھۆكۈمەت تەركىبىدىكى تارماقلارنىڭ مۇئاۋىن ۋەزىپىسى، 1-قول ۋەزىپىسى، مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان.

  (بىرىنچى)

  يۈسۈپجان مەمەتنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەش قارار قىلىندى.

  (ئىككىنچى)

  يۈ ئەيپىڭنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەش قارار قىلىندى.

  ئەنۋەر ئىبراھىمنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرلىقىغا تەيىنلەش قارار قىلىندى.

  قۇربانجان قۇتلۇقنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتىنىڭ نازىرلىقىغا تەيىنلەش قارار قىلىندى.

  ئابلىكىم ئەزىزنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ نازىرلىقىغا تەيىنلەش قارار قىلىندى.

  پەرھات ھېزىمنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرلىقىدىن قالدۇرۇش قارار قىلىندى.

  تۇرسۇنجان ئېلىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتىنىڭ نازىرلىقىدىن قالدۇرۇش قارار قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ