مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

15 - نۆۋەتلىك قىشلىق كۆرگەزمە باشلاندى

2021.11.29 10:58 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ​پۈتۈن شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھىتىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى

  11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، 15 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ قىشلىق كۆرگەزمە دېيىلىدۇ) ھەم 2021 - يىللىق جۇڭگو غەربىي شىمال ساياھەت تىجارەت - سودا يىغىنى كۆكتوقاي ناھىيەسىدە باشلاندى، مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار قار - مۇز ساياھەت پائالىيىتى ۋە قار - مۇز مۇسابىقىسى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھىتىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى.

  باشلىنىش مۇراسىمىدا، خېيلۇڭجياڭ، جىلىندىن ئىبارەت ئىككى ئۆلكىنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، جىلىن، شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىكى ئون ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى سىن ئارقىلىق ئۈمىدىنى ئىپادىلەپ، قار - مۇز كەسپىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا ئورتاق پاراڭلاشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر خوۋ خەنمىن مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئەلا سۈپەتلىك قار - مۇز بايلىقىغا تايىنىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، قىشلىق ساياھەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى، بۇ يىل جىلىن، شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون جۇڭگو (چاڭبەيشەن تاغ تىزمىسى − ئالتاي تاغ تىزمىسى) قار - مۇز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سىناق رايونىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، جىلىن، شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىشى، ئۆزئارا ئۆگىنىشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، قار - مۇز ساياھىتى ۋە قار - مۇز ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.

  15 - نۆۋەتلىك قىشلىق كۆرگەزمە كۆكتوقاي ناھىيەسىنى ئاساسىي مەيدان قىلىپ، كۆكتوقاي، جياڭجۈن تېغى، جىكبېلېڭدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدا ئاساسىي مەيدان بىلەن ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىپ، بۇ يىلقى قىشلىق شىنجاڭ ساياھىتىنىڭ يوپۇقىنى بىرلىكتە ئاچتى. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئون تۈرلۈك مەدەنىيەت - ساياھەت بايرىمى ئىشلىرى پائالىيىتى ۋە 19 تۈرلۈك تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، 2022 - يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە كۈچ قوشىدۇ. باشلىنىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن كۈنى يەنە كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىنىڭ ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش ئويۇنى، كۆكتوقاي بازىرى تاراتى كەنتىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق مۇزىكا بايرىمى ھەم قار - مۇز كىيىم - كېچەكلىرىنى كىيىپ ماھارەت كۆرسىتىپ مېڭىش، مۇز توپ ئويۇنى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى.

  بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق كۆرگەزمە غەربىي شىمال ساياھەت تىجارەت - سودا يىغىنى بىلەن ماس قەدەمدە ئۆتكۈزۈلۈپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇپ سېتىش رايونى تۇنجى قېتىم قۇرۇلدى ھەم «سىرلىق غەربىي شىمال. ئەڭ گۈزەل يېڭى يىپەك يولى» باش تېمىسىدىكى 12 سائەتلىك چوڭ تىپتىكى بىۋاسىتە كۆرسىتىش پائالىيىتى تەشكىللىنىپ، غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت بايلىقى ۋە مەھسۇلاتلىرى بويىچە كۆپ نۇقتىدا بىرلىكتە ھەرىكەتكە كەلدى، ماركېتىڭنى بىرىكتۈردى.

  باشلىنىش مۇراسىمىدا، جۇڭگو ساياھەت تەتقىقات يۇرتى «2020 - يىلىدىن 2021 - يىلىغىچە بولغان جۇڭگو قىشلىق ساياھەت چوڭ سانلىق مەلۇمات دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى 2021 - يىللىق دۆلەت 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى ھەم ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك پۈتۈن رايون ساياھىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا ۋىۋىسكا بەردى.

  تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق كۆرگەزمىسى 2006 - يىلى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 15 يىلدىن بۇيان كۆرگەزمە كۆلىمى، پائالىيەت مەزمۇنى ۋە كۆرگەزمىگە قاتناشقانلارنىڭ سانى يىلمۇيىل ئېشىپ، تەسىر كۈچى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، شىنجاڭنىڭ قار - مۇز بايلىقى ۋە قار - مۇز مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدىغان كۆزنەك بولۇپ قالدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ