مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قەشقەرنىڭ سۈت نانلىرى پاكىستانغا ئېكسپورت قىلىندى

2021.10.08 14:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 7-ئۆكتەبىر تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى (قىسقارتىلىپ تاشقورغان ناھىيەسى دېيىلىدۇ) چېگرا ئاھالىلىرى بازىرى سودا رايونىدىن ئىگىلىشىچە، 2310 سۈت نان قونجىراپ ئېغىزىدىن چېگرا ھالقىپ، بۈگۈن سەھەردە پاكىستاننىڭ گىلگىت-بالتىستان رايونىغا يېتىپ بارغان.

  بۇ تۈركۈمدە ئېكسپورت قىلىنغان سۈت نانلارنى قەشقەر نەندا يېڭى يېزا ئىگىلىك پاي چەكلىك شىركىتى تەييارلىغان بولۇپ، تاشقورغان ناھىيەسى چېگرا ئاھالىلىرى بازىرى سودا رايونى پاكىستان خونزا سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى بىلەن ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق زاكاز قىلغان.

  تاشقورغان ناھىيەسى چېگرا ئاھالىلىرى بازىرى سودا رايونىنىڭ مەسئۇلى چېن خەيئوۋ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: خونزا سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى سۈت ناننى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئالاقىدار زاتلارنى تەشكىللەپ ئۆرنەك ئالدى. خونزا سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى شاھجاھان مۇنداق دېدى: بۇ ناننىڭ تەمى تاتلىق ھەم يۇمشاق بولۇپ، ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى، كەلگۈسىدە قەرەللىك سېتىۋالىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ