شۆ بىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى

2021.09.29 19:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 9-ئاينىڭ 28-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28-يىغىنىدا شۆ بىننى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەش قارار قىلىنغان.

  يولداش شۆ بىننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  شۆ بىن، ئەر، خەنزۇ، 1966-يىلى 4-ئايدا تۇغۇلغان، شەنشى ۋۇباۋدىن، 1987-يىلى 7-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1998-يىلى 7-ئايدا پارتىيەگە كىرگەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە (1987-يىلى 7-ئايدا تۇڭجى داشۆسى بىناكارلىق فاكۇلتېتىنىڭ شەھەر پىلانلاش كەسپىنى پۈتكۈزگەن)، دۆلەت رويخەتكە ئالغان شەھەر پىلانلاش ئۇستىسى.

  2007-يىلى 12-ئايدا، تۇرپان ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى بولغان.

  2008-يىلى 1-ئايدا، تۇرپان ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپى بولغان.

  2010-يىلى 9-ئايدا، بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كورلا-لوپنۇر پارتكومىنىڭ شۇجىسى، كورلا شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك پارتكوم سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ 1-شۇجىسى بولغان.

  2016-يىلى 1-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دائىمىي مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى نامزاتى بولغان.

  2016-يىلى 2-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دائىمىي مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان.

  2017-يىلى 3-ئايدا، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

  (ماتېرىيالى خەلق تورىدىن ئېلىندى، 2017-يىلى 3-ئايغىچە)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ