شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى

2021.09.19 21:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 17-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەنتەربىيەدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەخسۇس مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، نۇرغۇن ئادەتتىكى ئامما ئۆز ھېكايىسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقىنى كۈچلۈك ئىسپاتلاپ، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭدا «مەدەنىيەت يوقىتىلدى» دەپ قارا چاپلىغانلىقىغا پاكىت ئارقىلىق زەربە بەردى.

  دارۋازلىق __ بوشلۇقتا سىم ئۈستىدە مېڭىش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇيغۇر دارۋازلىقىنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، 2006-يىلى تۇنجى تۈركۈمدىكى خەلقئارا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. 50 ياشلىق ئادىل ھوشۇر بۇ ھۈنەرنىڭ 6-ئەۋلاد ۋارىسى بولۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بەش قېتىم يۇقىرى بوشلۇقتا مېڭىش دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان.

  ئادىل ھوشۇر قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىسار ناھىيەسىدە دارۋازلىق مەكتىپى، دارۋازلىق سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىش مەركىزى قۇردى، دارۋازلىق سەنئەت باغچىسى ۋە ساياھەت كۈتۈۋېلىش مەركىزىنى كېڭەيتىپ قۇردى. ئادىل ھوشۇر مۇنداق دېدى: «مەن ۋە شاگىرتلىرىم دائىم مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ دارۋازلىق قىلىمىز، بارغانلا يەردە كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتىمىز.» ئۇيغۇر دارۋازلىقىنىڭ بۈگۈنكىدەك تەرەققىي قىلىشى، شۇنچە كۆپ كىشىنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىشى دۆلەتنىڭ قوللىشى ۋە قوغدىشىدىن بولغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شاڭ خۇڭبو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «12-بەش يىل»لىق پىلان ۋە «13-بەش يىل»لىق پىلان مەزگىلىدە، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى 1 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شىنجاڭنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ، جۈملىدىن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈرى، كۆڭۈل ئېچىش ۋە سېرك قاتارلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرىدىن بەش تۈركۈمدە 27 سى ئېلان قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتە تۈر دۆلەت دەرىجىلىك تۈر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋەكىللىك ۋارىستىن 34 ى بېكىتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە بەش كىشى دۆلەت دەرىجىلىك ۋارىس قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

  «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش بىلەن ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇردى.» شاڭ خۇڭبو مۇنداق دېدى: ئامېرىكا، غەرب ئەللىرىدىكى جۇڭگوغا قارشى بەزى كۈچلەر يامان غەرەزدە شىنجاڭدا ئاتالمىش «مەدەنىيەت يوقىتىش» مەۋجۇت دېدى، بۇ يالغان سەپسەتىلەر پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، جەزمەن جۇڭگو خەلقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ