باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى، كەسپىي تېخنىكوم سىنىپلىرى ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ بۇ يىللىق پىلانى ئېلان قىلىندى

2017.07.04 14:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- ئىيۇل، ئاپتونوم رايونلۇق ئىچكىرىدىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ كەسپىي تېخنىكوم سىنىپلىرى ۋە شىنجاڭ ئىچىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ 2017- يىللىق پىلانى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر پىلان بويىچە، يۇقىرىقىدەك سىنىپلارغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 9880 نەپەر، 3300 نەپەر ۋە 11 مىڭ نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن.

  نۆۋەتتە، ئىچكى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى، كەسپىي تېخنىكوم سىنىپلىرى ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ بىر تۇتاش ئىمتىھانى (سىناق) ئاخىرلاشقان بولۇپ، قوبۇل قىلىش خىزمىتى كېيىنكى مەزگىلدە ئېلان قىلىنىدىكەن. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلار «شىنجاڭ سىنىپى» ھۆكۈمەت تورىغا چىقىپ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تەكشۈرسە بولىدىكەن.

  بۇ يىل، ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىنىڭ سانى 48 مىڭ 96 نەپەرگە يېتىدىكەن. ئۇنىڭ ئىچىدە، 43 مىڭ 60ى ئاز سانلىق مىللەتتىن ئىمتىھان بەرگۈچىلەر، 31 مىڭ 863ى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىن ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىكەن، ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 2016- يىلىدىكىدىن 3602 نەپەر كۆپەيگەن؛ ئىچكىرىدىكى كەسپىي تېخنىكوم سىنىپلىرىغا ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلار 15 مىڭ 658غا يەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە، 11 مىڭ 35ى ئاز سانلىق مىللەتتىن ئىمتىھان بەرگۈچىلەر، 2526سى ئىچكى ئۆلكىلەردىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا قوشۇمچە ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ئىكەن، ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 2016- يىلىدىكىدىن 1085 ئادەم كۆپەيگەن؛ شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 57 مىڭ 982 نەپەرگە يەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە، 51مىڭ 449ى ئاز سانلىق مىللەتتىن ئىمتىھان بەرگۈچىلەر، 35 مىڭ 773ى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىن ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلار ئىكەن، ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 2016- يىلىدىكىدىن 2975 ئادەم كۆپەيگەن. ئاپتونوم رايونلۇق ئىچكىرىدىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە: بۇ يىل، ئىچكى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى، كەسپىي تېخنىكوم سىنىپلىرى ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەتتىن ئوقۇش يېشىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ پائال تۈردە ئىمتىھان بېرىشىدە ياخشى ۋەزىيەت داۋاملىق ساقلىنىپ كەلمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر