- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلار قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايىتىدىن 2000 ئېشىنچا ئەمگەكچىنى قوبۇل قىلىپ ئىشلەتتى
2017.06.22 18:37 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20-ئىيۇن سائەت 18دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، K6724/1 قېتىملىق مەخسۇس پويىز ئۈرۈمچى بېكىتىگە يېتىپ كەلدى. قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايىتىدىن قوبۇل قىلىنغان 2000 ئېشىنچا ئەمگەكچى مۇشۇ مەخسۇس پويىزغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە كەلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما شۆجۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايىتىدىن قوبۇل قىلىنغان بۇ 2000 ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى جېجياڭ سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، گەنسۇ سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، مىللىي سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، بىۋاسىتە قاراشلىق ئەزا سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، داڭلىق ماركا ئىستراتېگىيەسى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، گۇاڭخۈي گۇرۇھى قاتارلىق 24 سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىدىكى 100 دىن ئارتۇق كارخانا قوبۇل قىلىپ ئىشلەتتى.
گۇاڭخۈي گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش لىدىرى ما يەن مۇنداق دېدى: «بىز بۇ قېتىمدا 100 نەپەر ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق، ئىشقا چىقىشتىن بۇرۇن ئۇلارغا قوش تىل، كارخانا مەدەنىيىتى، تۈرلۈك خىزمەت ئىنتىزام-تۈزۈملىرى قاتارلىق جەھەتلەردىن تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ. خىزمەت جەريانىدا يەنە ئىككى كونا خىزمەتچى بىر يېڭى خىزمەتچىنى يېتەكلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ئورنىغا تېزدىن ماسلىشىشىغا ياردەم بېرىلىدۇ. سىناق مەزگىلىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ رەسمىي خىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى 3000 يۈەنگە يېتىدۇ.»
ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى يەنە ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە ئىككى ۋىلايەتتىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشلەش ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرۇپ، ئارخىپ- كارتا تۇرغۇزۇپ ساقلايدۇ. 2019-يىلىغا بارغاندا، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكتىكى كارخانىلارنىڭ قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايىتىدىكى شەھەر-بازار ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىدىن 6000نى تەشكىللەپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر