باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

روزا ھېيت مەزگىلدە شىنجاڭدىكى يەتتە كىشىلىك ۋە يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنىڭ يۈرۈش ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ

2017.06.21 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20- ئىيۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2017- يىلى 26- ئىيۇن، يەنى روزا ھېيت كۈنى، شىنجاڭدىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيولدا يەتتە كىشىلىك ۋە يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنىڭ يۈرۈش ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدىكەن، كونكرېت ۋاقتى 26- ئىيۇن 0:00دىن 24:00 (بېيجىڭ ۋاقتى)غىچە ئاخىرلىشىدىكەن.

  بۇ خىل ھەقسىز يۈرۈشنىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى ئادەتتىكى تاشيوللاردا ئاپتوموبىللارنىڭ ھەق ئېلىش پونكىتلىرىنىڭ ھەق ئېلىش ئۆتكىلىدىن ئۆتكەن ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىپ بېكىتىلىدىكەن، يېپىق شەكىلدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا بولسا، ئاپتوموبىللارنىڭ ھەق ئېلىش يول ئاغزىدىن ئايرىلغان ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىپ بېكىتىلىدىكەن. ھەق ئېلىنىدىغان تاشيولدا يۈرىدىغان يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن (يەتتە كىشىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يولۇچى توشۇش ئاپتوموبىللىرى ھەقسىز يۈرۈشكە بولىدىكەن، ئادەتتىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا يۈرىدىغان موتوسىكلىتمۇ بۇنىڭ ئىچىگە ئېلىنغان. ھەقسىز ئۆتۈش يولىدا داۋاملىق كارتا بېرىلمەي يولغا قويۇپ بېرىلىدىكەن. يېپىق شەكىلدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنىڭ ھەقسىز يۈرۈش ۋاقتىنىڭ باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش ئالدىدا، ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ يۈرۈش قەغەز كارتىسى تارقىتىلىدىكەن، ETC ئاپتوموبىل يولىنىڭ ھەممىسى نورمال ئېچىلىپ، ھەر بىر ئاپتوموبىلنى بىر توسۇپ قويۇپلا قويۇپ بېرىشنى يولغا قويىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر