باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا «قوش تىل» مائارىپىدا تارىخىي بۆسۈش ھاسىل قىلىندى

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە قوش تىل مائارىپىنىڭ قاپلاش دائىرىسى %70 كە يەتتى

2016.06.21 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-ئىيۇن، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قوش تىل مائارىپىنى قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچى سانى 2 مىليون كىشىگە يەتكەن؛ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ئىككى يىللىق قوش تىل مائارىپىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى % 90 كە يەتكەن، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ قوش تىل مائارىپىنىڭ قاپلاش دائىرىسى % 70 كە يەتكەن بولۇپ، «قوش تىل» مائارىپىدا تارىخىي بۆسۈش ھاسىل قىلىنغان.

  قوش تىل مائارىپىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۈز بەرگەن زور ئۆزگىرىش دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسەت جەھەتتىن قوللىشى ۋە مەبلەغ سېلىشىنىڭ نەتىجىسى. ئىگىلىنىشىچە، 2010 – يىلى، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، قوش تىل مائارىپى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەسىگە كۆتۈرۈلگەن. بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون كۆپ خىل ئېتىبار بېرىش خاراكتېرلىك سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش، شۇنىڭدەك مەبلەغ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قاتارلىق جەھەتلەردە ھەر تەرەپلىمە يۆلەش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قوش تىل مائارىپى، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ قوش تىل مائارىپىنى تېز سۈرئەتتە پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يۇمشاق، قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشى سۈپىتى جەھەتتە چوڭ ئىلگىرىلەش بولغان.

  2015 ـ يىلىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئاز سانلىق مىللەت مەكتەپلىرىدە قوش تىل مائارىپى ۋە خەنزۇ تىلىدا ئوقۇغان مىللىي ئوقۇغۇچىلار 2 مىليون 249 مىڭ 300گە يېتىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى سانىنىڭ77.38% نى ئىگىلەپ، 2009-يىلدىكىدىن 126.22% ئاشتى؛ قوش تىل مائارىپىنى بالىلار باغچىسىدىن باشلاش نىسبىتى % 88.8 كە يەتتى، باشلانغۇچ، تولۇقسىزدىن باشلاش نىسبىتى91.86% كە يەتتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى خۇ جۈنخەي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: « 12 - بەش يىل » مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قوش تىل مائارىپى تەرەققىياتى داۋامىدا، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار قوش تىل مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىدا كىشىنىڭ دىققىتىنى ئەڭ تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بالىلار باغچىسىنى ھەقسىز قىلىش ئېتىبار سىياسىتى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ پەرزەنىتلىرىنىڭ يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنى زور دەرىجىدە قوبۇل قىلىش ۋە قوش تىل مائارىپىدا ئوقۇتۇش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى، قوش تىل مائارىپىنى «كىچىكىدىن باشلاش» ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرساھەنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا قوش تىل بالىلار باغچىسى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشى ئارقىلىق، يېزىلاردا 2523 قوش تىل بالىلار باغچىسى قۇرۇلدى، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا يەسلى ئومۇمىي سانى 3239 كە يەتتى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى باغچىدىكى ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ سانى 2010 - يىلىدىكى 340 مىڭدىن 2015 - يىلىدىكى 520 مىڭغا يېتىپ، % 53 كۆپەيدى.

  ئىگىلىنىشىچە، قوش تىل مائارىپىنى يەنىمۇ ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن، «13 ـ بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز داۋاملىق مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ ھەم جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە يېزا رايونلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىز دائىرىسىدە ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار «قوش تىل مائارىپى»نىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، مائارىپنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، «13 ـ بەش يىل» مەزگىلىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرى كەمچىل بولۇش مەسىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىنىپ، ھەر يىلى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلىرى ئۈچۈن، شىنجاڭدىن پېداگوگىكا مەكتەپلىرىدە ھەقسىز ئوقۇيدىغان 2200 ئوقۇغۇچىنى يېتىشتۈرۈش پىلانلانغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر